[1] ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.
[2] ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار، ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر.
[3] مۇقەددەستۇرسەن ئى پەرۋەردىگار، ھەيۋەتلىك، بۈيۈك نامىڭنى مەدھىيەلىسۇن ئۇلار.
[4] ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.
[5] پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر!
[6] مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر، سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر. ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا، بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا.
[7] پەرۋەردىگار سۆزلىگەنىدى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن ئۇلارغا، ئۇلار ئەمەل قىلىشتى خۇدا بەرگەن پەرز-پەرمانلارغا.
[8] ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما، ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا.
[9] پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار، مۇقەددەس سىئون تېغىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار، چۈنكى مۇقەددەستۇر پەرۋەردىگارىمىز!