[1] نەقەدەر بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭىدىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بويىچە ياشايدىغانلار.
[2] بەختلىكتۇر يەنە ئۇنىڭ پەرزلىرىنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغانلار.
[3] ناھەقچىلىك قىلماس ئۇلار ئەسلا، ماڭار ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا.
[4] پەرۋەردىگار چۈشۈردۈڭ ئەمرلىرىڭنى، ئەستايىدىل ئورۇنداڭلار دەپ ئۇلارنى.
[5] قارارلىرىم قەتئىي بولغاي مېنىڭ، پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىشقا سېنىڭ.
[6] كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.
[7] مەدھىيەلەيمەن پاك قەلبىمدىن سېنى، ئۆگەنگىنىمدە ئادىل ھۆكۈملىرىڭنى.
[8] پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىمەن، مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن.
[9] ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟ ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار.
[10] پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەلپۈندۈم ساڭا، ھەق يولۇڭدىن ئېزىشقا يول قويما ماڭا.
[11] نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.
[12] ھەمدۇسانا بولسۇن پەرۋەردىگار ساڭا، ئۆگەتكەيسەن نىزاملىرىڭنى ماڭا.
[13] بايان قىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى، جاكارلايمەن تەلىملىرىڭنى.
[14] ئادەملەر خۇرسەن بولغاندەك بايلىقلىرىدىن، شادلىنىمەن ئۆزۈم پەرزلىرىڭدىن.
[15] چوڭقۇر پىكىر قىلىمەن نىزاملىرىڭ ئۈستىدە، ئويلىنىمەن يول-قەدىمىڭ ھەققىدە.
[16] سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى.
[17] شەپقىتىڭنى كۆرسەتسەڭ مەن قۇلۇڭغا، شۇندا مەن ھايات ياشاپ، ئەمەل قىلاي كالامىڭغا.
[18] ئاچقىن مېنىڭ كۆزلىرىمنى، كۆرەي تەلىملىرىڭدىكى كارامەتلەرنى.
[19] مۇساپىرمەن زېمىندا، ئەمرىڭنى يوشۇرما.
[20] يۈرىكىم ئېزىلمەكتە، تەلپۈنۈشتىن ھۆكۈمۈڭگە.
[21] ئەيىبلەرسەن لەنەتكە ئۇچرىغان تەكەببۇرلارنى، ئەمرىڭدىن ئېزىپ كەتكەن مەغرۇرلارنى.
[22] ئېلىپ تاشلا مەندىن خورلۇق، مەسخىرىلەرنى، چۈنكى ئادا قىلىپ كەلدىم پەرزلىرىڭنى.
[23] توپلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلسىمۇ ھۆكۈمرانلار، پېقىر قۇلۇڭ نىزاملىرىڭ ھەققىدە يەنىلا ئويلىنار.
[24] پەرزلىرىڭ سۆيۈنىشىمدۇر، ھەم مېنىڭ مەسلىھەتچىمدۇر.
[25] قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.
[26] بايان قىلسام ساڭا يۈرگەن يوللىرىمنى، جاۋاب بەردىڭ، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.
[27] تەلىمىڭنى چۈشىنىشكە قادىر قىل مېنى، شۇندا خىيال قىلالايمەن كارامەت ئىشلىرىڭنى.
[28] غەم-غۇسسىلار دەستىدىن ھاردۇق يەتتى جېنىمغا، كالامىڭغا ئاساسەن كۈچ-قۇدرەت بەرگىن ماڭا.
[29] ھىيلە-مىكىر يولىدىن نېرى قىل مېنى، ئىلتىپات ئەيلەپ ئۆگەت ماڭا تەلىملىرىڭنى.
[30] تاللىدىم مەن ساداقەت يولىنى، كۆز ئالدىمدا تۇتىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.
[31] پەرۋەردىگار، چىڭ تۇتىمەن پەرزلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويمىغىن مېنى.
[32] قىزغىن ئادا قىلىمەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى، چۈنكى شۇنداق قىلىشقا قادىر قىلدىڭ مېنى.
[33] پەرۋەردىگار، چۈشەندۈرگىن ئەمرلىرىڭنى، ئاخىرغىچە ئىجرا قىلاي ئۇلارنى.
[34] قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي.
[35] ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى، چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى.
[36] مايىل قىلماي قەلبىمنى مەنپەئەتلەرگە، بەلكى خۇشتار قىلغىن سېنىڭ پەرزلىرىڭگە.
[37] نەزىرىمنى يىراق قىلىپ ساختىلىقتىن، ئۆز يولۇڭ بىلەن مېنى روھلاندۇرغىن.
[38] ئەمەلگە ئاشۇرساڭ قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى، خەلقلەر تېخىمۇ ھۆرمەتلەر سېنى.
[39] قورقىمەن، يىراق قىل مەندىن ھاقارەتلەرنى، بەرھەق، ئەلا بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.
[40] نەقەدەر تەلپۈنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا، مېنى روھلاندۇرغىن ھەققانىيلىقىڭدا.
[41] ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئاتا قىل ماڭا ۋەدە قىلغان نىجاتلىقىڭنى.
[42] شۇندا جاۋاب بېرەلەيمەن ماڭا ھاقارەت قىلغانلارغا، چۈنكى مەن تايىنىمەن پەقەت سېنىڭ كالامىڭغا.
[43] بەرگىن ماڭا ھەقىقىي گۇۋاھلىقنىڭ پۇرسىتىنى، باغلىغانمەن پەقەت سېنىڭ ھۆكۈمىڭگە ئۈمىدىمنى.
[44] بويسۇنىمەن دائىما تەلىملىرىڭگە، رىئايە قىلىمەن ھەم مەڭگۈگە.
[45] مەن ئەركىن، بىخەتەرمەن ھەممە جايلاردا، چۈنكى ئىتائەت قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭغا.
[46] پەرزلىرىڭنى سۆزلەيمەن شاھلار ئالدىدا، رەددىيەگە ئۇچراپ نومۇستا قالماسمەن ئەسلا.
[47] ئەمرلىرىڭدىن خۇرسەن بولۇرمەن، ھەم ئۇلارنى شۇنچە سۆيەرمەن.
[48] ئەمرلىرىڭنى ھۆرمەتلەپ قولۇم تۇرار كۆكسۈمدە، ئويلىنىمەن مەن سۆيگەن پەرمانلىرىڭ ھەققىدە.
[49] ئۇنتۇمىغىن مەن قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى _ ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان ئاشۇ كالامىڭنى.
[50] ئۇ ماڭا تەسەللىدۇر كۈلپەتتە قالغىنىمدا، يېڭى روھ ئاتا قىلار ۋەدەڭ ماڭا.
[51] مەسخىرە قىلسىمۇ مېنى دائىم تەكەببۇرلار، لېكىن سېنىڭ تەلىملىرىڭدىن ئاغمىدىم زىنھار،
[52] ئەسلىسەم قەدىمدىن بۇيانقى ھۆكۈملىرىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، بېرەر ئۇلار ماڭا تەسەللىنى.
[53] تەرك ئەتكەچ رەزىللەر تەلىملىرىڭنى، باسالمايمەن ئۇلارغا بولغان غەزىپىمنى.
[54] يۈرسەممۇ گەر مۇساپىر بولۇپ پانىي دۇنيادا، پەرمانلىرىڭ بولدى ماڭا گۈزەل بىر ناخشا.
[55] ئى پەرۋەردىگار، رىئايە قىلىمەن تەلىملىرىڭگە، ياد ئېتىمەن نامىڭنى ھەربىر كېچىدە.
[56] رىئايە قىلىپ كەلدىم سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭغا، بۇنداق قىلىش بەخت ئېلىپ كەلدى ماڭا.
[57] نېسىۋەم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگار بىر ئۆزۈڭنى، ۋەدەم بار چىڭ تۇتۇشقا كالامىڭنى.
[58] چىن قەلبىمدىن ئىستەپ كەلدىم شەپقىتىڭنى، كۆرسەت ماڭا ۋەدە قىلغان ئىلتىپاتىڭنى.
[59] نەزەر سېلىپ مېڭىۋاتقان يولۇمغا، قەدىمىمنى بۇرىدىم پەرزلىرىڭ تامانىغا،
[60] ئالدىرىدىم، ئەمرلىرىڭنى ئىجرا قىلىشقا، ھەم ھېچ ئىككىلەنمىدىم.
[61] گەر رەزىللەر چىرمىۋالسىمۇ ئارغامچىلار بىلەن مېنى، ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.
[62] ئادالەت بولغاچ ھۆكۈملىرىڭدە ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن ساڭا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېرىم كېچىدە.
[63] دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا.
[64] مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە تولغاندۇر زېمىن، ئى پەرۋەردىگار، نىزاملىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكىن.
[65] ئۆزۈڭ بەرگەن ۋەدەڭگە ئاساسەن، قۇلۇڭغا ياخشىلىق قىلدىڭ سەن.
[66] ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن ماڭا، چۈنكى مەن ئىشەندىم پەرمانلىرىڭغا.
[67] ئازغۇن ئىدىم سەن مېنى جازالاشتىن ئىلگىرى، چىڭ تۇتىمەن ئېسىمدە ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى.
[68] نەقەدەر شاپائەتلىكسەن، ئايىمىدىڭ ياخشىلىقىڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا نىزاملىرىڭنى.
[69] تەكەببۇرلار چاپلىسىمۇ يالغاندىن بوھتان ماڭا، ئەمما چىن قەلبىمدىن بويسۇنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا.
[70] بىخۇدلاشقان ئۇلارنىڭ قەلبى ئەزەلدىن، مەن بولسام سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.
[71] تارتقان جاپالىرىم پايدىلىق بولدى ماڭا، چۈنكى مېڭىشنى ئۆگەندىم پەرمانلىرىڭ يولىدا.
[72] ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا.
[73] قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.
[74] مېنى كۆرۈپ خۇش بولار ئىخلاسى بارلار ساڭا، چۈنكى مەن ئۈمىدىمنى باغلىغانمەن كالامىڭغا.
[75] بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنىڭ ئادىللىقىنى، ساداقىتىڭ بىلەن جازالىدىڭ مېنى.
[76] بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە مەن قۇلۇڭغا، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ تەسەللى بولسۇن ماڭا.
[77] رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى، شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى.
[78] شەرمەندە بولسۇن تەكەببۇرلار، سەۋەبسىزلا ماڭا ناھەقچىلىك قىلغانلار، ئويلىرىم پەقەت تەلىملىرىڭ ھەققىدە بولار.
[79] ساڭا ئىخلاس قىلىدىغانلار كەلسۇن يېنىمغا، پەرزلىرىڭنى ئۆگىتىمەن ئۇلارغا.
[80] سەمىمىي ئىجرا قىلاي پەرمانلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويماس ئۇلار مېنى.
[81] زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا، ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا.
[82] سېنى «قاچان تەسەللى بېرەركىن» دەپ، زارىقىشتىن تالدى كۆزلەر ۋەدە كۈتۈپ.
[83] ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا، ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا.
[84] قاچانغىچە كۈتكۈزەرسەن مەن قۇلۇڭنى، قاچانلىققا جازالارسەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى؟
[85] تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن ئورا كولار، ئۇلار سېنىڭ تەلىمىڭگە قارشى چىقار.
[86] ئىشەنچلىكتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا، ياردەم قىل، دۈشمەنلەر سەۋەبسىز زىيانكەشلىك قىلماقتا ماڭا.
[87] يەر يۈزىدىن يوق قىلاي دەپ قالسىمۇ ئۇلار مېنى، ئەمما تەرك ئەتمىدىم يوليورۇقلىرىڭنى.
[88] روھلاندۇرغىن مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە، بويسۇناي سېنىڭ بەرگەن پەرزلىرىڭگە.
[89] ئى پەرۋەردىگار، كالامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇ ئەرشتە مۇكەممەل پۈتۈلگەندۇر.
[90] ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بىلدۈردۈڭ ساداقىتىڭنى، ئورناتتىڭ ئۆز ئورنىغا مۇستەھكەم قىلىپ يەرنى.
[91] ئەمرىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا پۈتۈن دۇنيا، چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇدات قۇلدۇر ساڭا.
[92] شادلانمىغان بولسام ئەگەر تەلىملىرىڭدىن، ھالاك بولار ئىدىم ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن.
[93] ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى، چۈنكى ئۇلار روھلاندۇردى ھاياتىمنى.
[94] مەن ساڭا مەنسۇپتۇرمەن، قۇتقۇز مېنى، چۈنكى ئىجرا قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭنى.
[95] پەيت كۈتسىمۇ رەزىللەر ۋەيران قىلماققا مېنى، ئەمما دىلىمدا ساقلايمەن يەنىلا پەرزلىرىڭنى.
[96] كۆردۈم مەن چەكلىكلىكىنى ھەممە نەرسىنىڭ، ئەمما كەمتۈكى يوقتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ.
[97] شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى.
[98] رەقىبىمدىن دانا بولدۇم ئەمرىڭ بىلەن، چۈنكى تەلىمىڭ بىرگە بولغاچ دائىم مەن بىلەن.
[99] ئەقىل-ئىدراك ئۇستازلىرىمدىن كۆپرەك بولدى مەندە، چۈنكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدىم ئەمرلىرىڭ ھەققىدە.
[100] ئاقساقاللاردىنمۇ دانالىقراق بولدۇم، چۈنكى يوليورۇقلىرىڭغا بويسۇندۇم.
[101] ئەلا بىلىپ كالامىڭغا ئەگىشىشنى، رەت قىلىپ كەلدىم ھەممە رەزىللىكنى.
[102] ھۆكۈملىرىڭدىن قېيىپ كەتمىدىم، چۈنكى ئۆزۈڭ بەرگەنسەن تەلىم.
[103] كالامىڭ شېرىن تېتىدى تىلىمغا، ھەسەلدىن تاتلىق تۇيۇلدى ئاغزىمغا.
[104] دانا بولۇرمەن يوليورۇقلىرىڭدىن، نەپرەتلىنىمەن شۇڭا ساختا يوللاردىن.
[105] چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا.
[106] قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە، بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە.
[107] قالدىم مەن قىيىنچىلىق، مۈشكۈللۈكتە، ئى پەرۋەردىگار، روھلاندۇر مېنى ۋەدەڭ بويىچە.
[108] قوبۇل قىل چىن دىلىمدىن چىققان مەدھىيەلىرىمنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا تەلىملىرىڭنى.
[109] ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا، ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا.
[110] تۇزاق قۇرسىمۇ مەن ئۈچۈن گەرچە رەزىللەر، يوليورۇقلىرىڭدىن چىقماسمەن زىنھار.
[111] مەڭگۈلۈك مىراستۇر ماڭا پەرزلىرىڭ، شۈبھىسىزكى، شادلىقىدۇر ئۇلار قەلبىمنىڭ.
[112] قارارىم بار بويسۇنۇشقا، ئاداققىچە نىزاملىرىڭغا.
[113] ئۆچ كۆرىمەن ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى، بىراق، سۆيىمەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.
[114] باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا، ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا.
[115] كۆز ئالدىمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار، خۇدايىمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماققا قارارىم بار.
[116] ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغىنىڭدەك يار-يۆلەك بول ھاياتىمغا، شەرمەندە قىلىپ، قويما مېنى ئۈمىدسىز ھالغا.
[117] يۆلەنچۈك بولغىن ماڭا، شۇندا ئېرىشەي نىجاتلىققا، ھەم كۆڭۈل بۆلەي سېنىڭ پەرمانلىرىڭغا دائىما.
[118] نەزىرىڭدە ئەرزىمەستۇر پەرمانىڭدىن تايغانلار، بىھۇدىدۇر قانچىلىك نەيرەڭۋازلىق قىلسىمۇ ئۇلار.
[119] ئەخلىتىنى ئايرىغاندەك ئوتتا تاۋلاپ ئالتۇننى، يوق قىلىسەن يەر يۈزىدىن رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى، مەن سۆيىمەن سېنىڭ بارلىق پەرزلىرىڭنى.
[120] ۋۇجۇدۇم تىترەر قورقۇپ سېنىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمەن ھۆكۈملىرىڭدىن.
[121] قىلدىم ئادىل، توغرا ئىشلارنى، زالىملارنىڭ قولىغا قالدۇرما مېنى.
[122] كاپالەت بەرگىن مەن قۇلۇڭنىڭ بەختىگە، يول قويما تەكەببۇرلارنىڭ مېنى ئېزىشىگە.
[123] كۆزلىرىم تالدى سېنىڭ نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ، ئىشەنچلىك ۋەدەڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ.
[124] مەن قۇلۇڭغا يەتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى.
[125] ئەقىل-ئىدراك بەرگىن مەن قۇلۇڭغا، پەرزلىرىڭنى چۈشىنەلەيمەن شۇندىلا.
[126] ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا، چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا.
[127] بەرھەق، ئالتۇندىن ئەلا بىلىمەن ئەمرلىرىڭنى، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۇلارنى.
[128] ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى، ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى.
[129] پەرزلىرىڭ بولغاچ سېنىڭ بىباھا، بويسۇنىمەن شۇڭا مەن ئۇلارغا.
[130] كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا، ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا.
[131] نەپسىمنى قىسار مېنىڭ تەقەززالىق، چۈنكى باردۇر ئەمرىڭگە ئىنتىزارلىق.
[132] ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن كۆرسىتىپ شەپقىتىڭنى، نامىڭنى سۆيگەنلەرگە كۆرسەتكەندەك مېھرىڭنى.
[133] ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى، ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى.
[134] ئىنسانلار زۇلمىدىن قۇتقۇز مېنى، چىڭ تۇتاي سېنىڭ يوليورۇقۇڭنى.
[135] جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا، پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا.
[136] خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.
[137] ئى پەرۋەردىگار، ئادىلسەن ئۆزۈڭ، ھەققانىي ھەم ھۆكۈملىرىڭ.
[138] ئادىلدۇر بۇيرۇغان پەرزلىرىڭ، ئىشەنچلىكتۇر ھەممىسى ئۇلارنىڭ.
[139] غەزەپلىرىم كۆيدۈرمەكتە تېنىمنى، رەقىبلىرىم مەنسىتمىگەچ سۆزۈڭنى.
[140] ئىشەنچلىك بولغاچقا ۋەدىلىرىڭ سېنىڭ، سۆيەر ئۇلارنى شۇنچىلىك، مەنكى قۇلۇڭ.
[141] خارلانساممۇ كېرەكسىز ئىنسان بولۇپ، قالماسمەن يوليورۇقلىرىڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ.
[142] مەڭگۈلۈكتۇر ئادالىتىڭ، ھەقىقەتتۇر تەلىملىرىڭ.
[143] كەلگىنىدە بېشىمغا ئازاب ۋە كۈلپەت، ئەمرلىرىڭ بولدى ماڭا شادلىق ئۈلپەت.
[144] پەرزلىرىڭ ئادىلدۇر تائەبەدكە، روھلىناي مەن، نۇر ئاتا قىل قەلبىمگە.
[145] ئى پەرۋەردىگار، چىن قەلبىمدىن نىدا قىلىمەن ساڭا، بويسۇنىمەن پەرمانلىرىڭغا، جاۋاب بەر ماڭا.
[146] ئىلتىجا قىلىمەن، قۇتقۇزغىن مېنى، چىڭ تۇتاي شۇندا پەرزلىرىڭنى.
[147] پەرياد قىلىمەن مەدەت تىلەپ سۈبھىدە، ئۈمىدىمنى باغلىغاچقا پەقەت سېنىڭ سۆزۈڭگە.
[148] كىرپىك قاقماي چىقىمەن كېچىچە، ئويغا پېتىپ سېنىڭ ۋەدەڭ ھەققىدە.
[149] مۇھەببەتلىك پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ئادالەتلىك پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى.
[150] يېقىنلاپ كەلمەكتە ماڭا رەزىل ئىنسانلار، تەلىملىرىڭدىن يىراقتۇر ئۇلار.
[151] ئى پەرۋەردىگار، يېقىنسەن ماڭا، ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا.
[152] ئۇزۇندىن بېرى بىلدىمكى شۇنى، پەرزلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈكىنى.
[153] نەزەر سېلىپ ئازابلىرىمغا، قۇتقۇزغىن مېنى، ئۇنتۇمىدىم مەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.
[154] دەۋايىمنى قوللىغىن، قۇتقۇزغىن مېنى، ۋەدەڭ بويىچە ساقلىغىن ھاياتىمنى.
[155] رەزىل ئىنسانلار نىجاتسىز قالار، ئېتىبار بەرمىگەچ ئەمرلىرىڭگە ئۇلار.
[156] پەرۋەردىگار، مېھىر-شەپقەت مولدۇر سېنىڭدە، مېنى روھلاندۇرغىن دېگىنىڭدەك ھۆكۈمۈڭدە.
[157] بولسىمۇ گەر شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار، پەرزلىرىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسمەن زىنھار.
[158] نەپرەتلىنىمەن ئىتائەتسىزلەرگە، رىئايە قىلمىغاچ سۆزلىرىڭگە.
[159] نەقەدەر سۆيىمەن-ھە، سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بىلەن روھلاندۇر مېنى.
[160] كالامىڭنىڭ ئاساسى ھەقىقەتتۇر، ھۆكۈملىرىڭ ئادىل، مەڭگۈگە داۋام قىلۇر.
[161] سەۋەبسىزلا زىيانكەشلىك قىلسىمۇ ھۆكۈمدارلار، قەلبىم پەقەت كالامىڭدىن قورقۇپ تۇرار.
[162] كالامىڭدىن سۆيۈنۈپ كەلدىم شۇنچە، ئېرىشكەندەك غايەت زور خەزىنىگە.
[163] يىرگىنىمەن يالغانچىلىقتىن، سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن.
[164] ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار، بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار.
[165] تەلىمىڭنى سۆيگەنلەرگە ئامانلىق بولار، ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار.
[166] ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ كۈتىمەن نىجاتلىقىڭنى. ئىجرا قىلىپ كەلدىم مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى.
[167] پەرزلىرىڭگە رىئايە قىلىمەن، ھەم ئۇلارنى قىزغىن سۆيىمەن.
[168] بويسۇنىمەن پەرزلىرىڭ، نىزاملىرىڭغا، بەرھەق، ھەممە ئەمەللىرىم ئاياندۇر ساڭا.
[169] پەرۋەردىگار قۇلاق سالغىن ئاھۇزارىمغا، ۋاپا قىلىپ ۋەدەڭگە ئىدراك بەرگىن ماڭا.
[170] ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار ئىلتىجايىمنى، ۋاپا قىلىپ كالامىڭغا قۇتقۇزغىن مېنى.
[171] لەۋلىرىمدىن ئۇرغۇپ چىقار ھەمدۇسانا، چۈنكى سەن ئەمرلىرىڭنى ئۆگەتتىڭ ماڭا.
[172] كالاملىرىڭ كۈيلىنەر تىللىرىمدا، چۈنكى باردۇر ئادىللىق بۇيرۇقۇڭدا.
[173] تەييار قىلغىن ياردەمگە قولۇڭنى، چۈنكى مەن تاللىغانمەن يولۇڭنى.
[174] نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار، تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار.
[175] ئىلھام بەر ماڭا، ھەمدۇسانا ئوقۇي ساڭا، ھۆكۈملىرىڭ ياردەم قىلسۇن ماڭا.
[176] ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى، چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى.