Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.

[2] چۈنكى ئۇ دېڭىزلار ئۈستىگە قۇرغاندۇر جاھاننى، چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاندۇر ئۇنى.

[3] پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغىغا كىممۇ چىقالار؟ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا كىممۇ ئىبادەت قىلالار؟

[4] ئىبادەت قىلالار قولى پاك، قەلبى ساپ بولغان، ساختىغا كۆڭۈل بەرمىگەن، يالغاندىن قەسەم ئىچمىگەن ئىنسان.

[5] ئۇنداق ئادەملەر خۇدادىن بەخت تاپار، نىجاتكارى خۇدا تەرىپىدىن ئاقلىنار.

[6] مۇشۇنداق ئادەملەر تەلپۈنەر خۇداغا، ئى ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا، تەلپۈنگۈچىلەردۇر ئۇلار جامالىڭغا. سېلاھ

[7] ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار، ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار! شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.

[8] بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟ ئۇ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ جەڭ مەيدانىدىكى قادىر پەرۋەردىگاردۇر.

[9] ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار، ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار! شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.

[10] بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟ ئۇ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىردىنبىر شەۋكەتلىك پادىشاھتۇر. سېلاھ

زەبۇر — Chapters