Skip to content
Opens in a new window

[1] ئىشەنچىم كامىلدۇر ساڭا، ئى خۇدا! پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيە ئوقۇيمەن ناخشامدا.

[2] ئەي لىرا، چىلتار ئويغان ئەمدى، قەسىدە ئوقۇپ ئويغىتايلى تاڭنى.

[3] ئى پەرۋەردىگار، شۈكۈرلەر ئېيتىپ ساڭا، كۈيلەيمەن سېنى خەلقلەر، يات ئەللەر ئارا.

[4] چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسماندىن بىپايان، ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر، بۇلۇتلارغا تاقاشقان.

[5] ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقۇڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

[6] دۇئايىمنى قىلىپ ئىجابەت، قۇتقۇز بىزنى ئوڭ قولۇڭدا، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ نىجاتلىق تاپار شۇندا.

[7] خۇدا مۇنداق دېدى ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن: «شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى، تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى.

[8] گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.

[9] پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»

[10] كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر؟ كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟

[11] ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ؟

[12] دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.

[13] خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن جەڭ قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى دەسسەپ چەيلەر دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.

زەبۇر — Chapters