Skip to content
Opens in a new window

[1] شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار.

[2] «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ئىسرائىللار.

[3] «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ھارۇن جەمەتىگە تەۋە بولغانلار.

[4] «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار.

[5] نىدا قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈن چۈشكەندە بېشىمغا، نىدايىمغا جاۋابەن نىجاتلىق بەردى ماڭا.

[6] قورقمايمەن، مەن تەرەپتە پەرۋەردىگار، نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار!

[7] مەن تەرەپتىدۇر يۆلەنچۈكۈم پەرۋەردىگار، كۆز ئالدىمدا مەغلۇپ بولار ماڭا ئۆچ بولغانلار.

[8] باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر يۆلەنچۈك قىلىشتىن ئىنساننى.

[9] باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر تايانچ قىلماقتىن ھاكىملارنى.

[10] قورشىۋالغان بولسىمۇ بارلىق يات ئەللەر مېنى، پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

[11] شۇنداق، قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ ئەتراپىمنى، پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

[12] قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۇلار مېنى ھەرىلەردەك، ئۆچۈرۈلدى شۇنچە تېزدىن قۇرغاق تىكەن ئوتىدەك. پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى.

[13] يىقىلغىلى تاس قالغانىدىم ئىتتىرىلگەندە، بىراق، مەن يىقىلمىدىم پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە.

[14] پەرۋەردىگار مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىم، بولدى ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم.

[15] ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا نىجاتلىق تەنتەنىسى ياڭرىماقتا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.

[16] پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى غەلىبە قىلماقتا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا.

[17] مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايان ئەيلەيمەن.

[18] مېنى قاتتىق جازالىغان بولسىمۇ پەرۋەردىگار، ئەمما تاشلاپ قويمىدى ئۆلۈمگە زىنھار.

[19] ھەققانىيلار كىرىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار ماڭا، مەن كىرىپ، شۈكۈر ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا.

[20] دەرۋازىسىدۇر بۇ پەرۋەردىگارنىڭ، كىرىش يولىدۇر ھەققانىيلارنىڭ.

[21] ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن خۇدا، چۈنكى ماڭا جاۋاب بېرىپ نىجاتكار بولدۇڭ ماڭا.

[22] كېرەكسىز بىلىنگەن تاش تامچىلارغا، ئۇلتاش بولدى قۇرۇلۇشقا.

[23] پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ، كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ.

[24] پەرۋەردىگار ياراتقان مۇشۇ كۈندە، خۇشاللىققا تولايلى قىلىپ تەنتەنە.

[25] ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، قۇتقۇزغىن بىزنى، ئۆتۈنەي، مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغايسەن ئىشىمىزنى.

[26] بەخت يار بولغاي پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە، بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن سىلەرگە.

[27] پەرۋەردىگار _ ياراتقۇچىدۇر، بىردىنبىر يېگانىدۇر. ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە. قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە.

[28] سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، شۈكۈر ئېيتىمەن، سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، ئۇلۇغلايمەن.

[29] شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار.

زەبۇر — Chapters