Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، تېزرەك ياردەم قىلىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئى خۇدا.

[2] يۈزى چۈشۈپ شەرمەندە بولسۇن، ھاياتىمغا قەست قىلغانلار. رەسۋا بولۇپ ئارقىدا قالسۇن، جاپايىمدىن شادلانغانلار.

[3] مەسخىرە قىلىپ، كۈلگەنلەر ماڭا، شەرمەندە بولۇپ قايتسۇن ئارقىغا.

[4] سەندىن خۇشال بولۇپ، شادلانسۇن، ھەممە تەلپۈنگەنلەر ساڭا. نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر، دېسۇن دائىم «ئۇلۇغدۇر خۇدا».

[5] مەن بىر بىچارە، ھاجەتمەن، ئى خۇدا، تېز كەلگەيسەن يېنىمغا. سەن مېنىڭ مەدەتكارىم، قۇتقۇزغۇچىم، ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ھايال بولما.

زەبۇر — Chapters