[1] ناخشا ئېيتايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، قورام تاشتەك قۇتقۇزغۇچى خۇدانى مەدھىيەلەيلى ئالقىشلاپ.
[2] ھۇزۇرىغا خۇدانىڭ شۈكۈر ئېيتىپ كىرەيلى، تەنتەنە بىلەن ئۇنىڭغا ناۋا قىلىپ مەدھىيەلەر ئېيتايلى.
[3] چۈنكى خۇدا _ ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ بىر بۈيۈك پادىشاھ، بارلىق «ئىلاھلار» دىن ئۈستۈندۇر.
[4] چوققىلاردىن تاكى ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە زېمىننىڭ، جىمىسى ئۇنىڭ قولىدا، مۈلكىدۇر ئۇنىڭ.
[5] دېڭىز-ئوكيانلار تەۋەدۇر خۇداغا، ئۇ ياراتقان ئۇلارنى، زېمىن ئاڭا مەنسۇپتۇر، قوللىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇنى.
[6] سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا، ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.
[7] چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدىكى قوۋمدۇرمىز، ئۇ پەرۋىش قىلىۋاتقان قويلىرىدۇرمىز.
[8] بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر، ئۇ دەركى: «جاھىل بولماڭلار ئەجدادىڭلار مىرىبادا بولغىنىدەك، چۆل-باياۋان ماسساھتا تەرسالىق قىلغىنىدەك.
[9] ئاتا-بوۋاڭلار ئەنە شۇ يەردە مېنى سىنىغانىدى، مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى تەكشۈرگەنىدى.
[10] مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن، دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن، ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›
[11] قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا: ‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»