[1] مەن سۆيىمەن پەرۋەردىگارنى، چۈنكى ئۇ ئاڭلار نىدايىمنى، ئاڭلار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى.
[2] قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا، ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا.
[3] ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى، قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى.
[4] نىدا قىلدىم تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگار نامىنى، «قۇتقۇزغىن دەپ پەرۋەردىگار جېنىمنى.»
[5] پەرۋەردىگار شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر.
[6] پەرۋەردىگار پاناھىدا ساقلايدۇ پاناھسىزنى، ئۇ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە قۇتقۇزدى مېنى.
[7] ھەي قەلبىم، قايتقىن ئەمدى ئارامگاھىڭغا، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىلتىپات ئەيلىدى ماڭا.
[8] ئى خۇدا، ساقلىدىڭ ئۆلۈمدىن جېنىمنى، يىغا-زار قىلىشتىن كۆزلىرىمنى، پۇتلىشىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمنى.
[9] ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۈچۈن ياشايمەن پانىي ئالەمدە.
[10] شۇنچە خار بولساممۇ يەنىلا، ئىشەنچ باغلىدىم مەن ساڭا.
[11] لېكىن دېدىم مەن تەشۋىش ئارا: «يالغانچىدۇر ھەممە ئىنسانلار.»
[12] پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا، قانداق جاۋاب قىلاي ئۇنىڭغا؟
[13] نىجاتلىق قەدىھىنى سۇندۇم خۇداغا، شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىغا.
[14] پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.
[15] ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى، پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى.
[16] ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، بەرھەق، سېنىڭ پېقىر قۇلۇڭدۇرمەن. ئازاد قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ ئاسارەتتىن.
[17] شۈكۈر قۇربانلىقى سۇنىمەن ساڭا، شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، ئى خۇدا.
[18] پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.
[19] ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا، ئەي يېرۇسالېم، تۇرۇپ سېنىڭ ئوتتۇراڭدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.