[1] تەرىپلەيمەن ھەر دائىم پەرۋەردىگارنى، چۈشۈرمەسمەن ئاغزىمدىن مەدھىيەلەشنى.
[2] چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن پەرۋەردىگارغا، ئاڭلاپ بۇنى ئاجىزلار چۆمۈلەر خۇشاللىققا.
[3] مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى.
[4] ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى.
[5] نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا، يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا.
[6] پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.
[7] ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى، قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى.
[8] ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى، شۇنچىلىك بەختلىك بولار باشپاناھ قىلغانلار ئۇنى.
[9] پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىڭلار، ئەي ئۇنىڭ تەقۋادارلىرى، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلارنىڭ كەم بولماس ھېچ نەرسىسى.
[10] ئۇسسۇز ۋە ئاچ قېلىشى مۇمكىن كۈچلۈك ئارسلانلار، ئەمما قالماس ھېچ موھتاجلىقتا پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار.
[11] كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.
[12] كىمكى ئىستىسە ھاياتتىن زوقلىنىشنى، بەختلىك ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى،
[13] تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن، چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن.
[14] يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق، ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق.
[15] پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا.
[16] يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.
[17] قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار.
[18] مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار، روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار.
[19] كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.
[20] ئامان ساقلار خۇدا ئۇنىڭ بارلىق سۆڭەكلىرىنى، ھەتتا سۇنۇق قىلماس بىر تال ئۇستىخىنىنى.
[21] ئۆلۈم ئېلىپ كېلەر ئۆزلىرىگە رەزىللەرنىڭ قىلمىشلىرى، جازالىنار ئۆچ كۆرگەنلەر ھەققانىيلارنى.
[22] قۇتقۇزار تەقۋادارلىرىنىڭ ھاياتىنى پەرۋەردىگار، كىمكى ئۇنى پاناھ قىلسا جازادىن خالىي بولار.