[1] رەھىمىڭنى ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن، ئى خۇدا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار سەندە. كەچۈرگەيسەن مېنىڭ قىلغان گۇناھىمنى، چەكسىز رەھىمدىللىك خىسلىتىڭدە.
[2] پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى، يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى.
[3] بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا، گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا.
[4] گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا، نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا. ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ، ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.
[5] گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا، ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا.
[6] سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى، سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى.
[7] تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي، يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي.
[8] كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي، سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي.
[9] نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىپ گۇناھلىرىمنى، ئۆچۈرۈۋەتكىن ساڭا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمنى.
[10] بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا رەببىم، ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم.
[11] قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى، تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى.
[12] ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى، ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى.
[13] شۇندىلا مەن ئازغۇنلارغا ئۆگىتەي چىن يولۇڭنى، گۇناھكارلار توۋا قىلىپ، ماكان قىلسۇن يېنىڭنى.
[14] ئېھ خۇدا، نىجاتكارىم خۇدا! قان تۆكۈش جىنايىتىدىن قۇتقۇزغىن مېنى، شۇندا شادلىنىپ، كۈيلەي نىجاتلىقىڭنى.
[15] ئى ئىگەم، سۆزلەت مېنىڭ تىلىمنى، ئېيتسۇن ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەمنى.
[16] ئىستىمەيسەن قۇربانلىق قىلىشنى، بولمىسا قىلار ئىدىم ئۇنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلساممۇ خۇرسەن قىلماس كۆڭلۈڭنى.
[17] خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى، ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى.
[18] شاپائىتىڭ بىلەن ياشناتقايسەن سىئون شەھىرىنى، يېڭىباشتىن قۇرغايسەن يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى.
[19] مەمنۇن بولىسەن بېكىتىلگەن قۇربانلىقلاردىن شۇندىلا، قوبۇل قىلىسەن كۆيدۈرمە ۋە پۈتۈن قۇربانلىقلارنى، ئاۋام قۇربانلىق قىلار تورپاقلارنى قۇربانلىق سۇپاڭدا.