Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.

[2] ئەفرايىم، بىنيامىن ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىمىزدە، كۆرسىتىپ قۇدرىتىڭنى، قۇتقۇزغىن بىزنى.

[3] قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

[4] ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، غەزىپىڭدىن قوبۇل كۆرمەي دۇئايىمىزنى، قاچانغىچە رەت قىلارسەن بىزلەرنى؟

[5] قايغۇ بەردىڭ نان ئورنىغا يېيىشكە، چېلەك-چېلەك ياشنى بەردىڭ ئىچىشكە.

[6] قىلدىڭ قوشنا ئەللەرگە بىزنى تالىشىش نىشانى، دۈشمەنلىرىمىز ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشار بىزنى.

[7] ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

[8] مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى.

[9] زېمىن تەييار قىلىپ بەردىڭ ئۇ كۆچەتكە، يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى زېمىنغا.

[10] تاغلار قالدى ئۇنىڭ سايىسى تېگىدە، كېدىر دەرەخلىرى قالدى شاخلىرى ئاستىدا.

[11] ئۇ ئۇزارتتى شاخلىرىنى تا دېڭىزغىچە، نوتىلىرىنى فىرات دەرياسىغىچە.

[12] نېچۈن بۇزۇپ ئۇنىڭ قاشاسىنى، يولدىن ئۆتكەنلەرگە بېرىسەن مېۋىسىنى؟

[13] ئورماندىكى ياۋا توڭگۇز ئۇنى خاراب قىلماقتا، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانماقتا.

[14] ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا كەلگىن يېنىمىزغا. سامادىن نەزەر سېلىپ ئۈزۈمزارلىققا، غەمخورلۇق قىلغىن ئۈزۈم تاللىرىغا.

[15] ئوڭ قولۇڭدا ئۆستۈرگەن يىلتىزغۇ بۇ، ئۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن چوڭ قىلغان ئوغلۇڭ ئىدىغۇ.

[16] مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا، ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا.

[17] قانات ئاستىڭغا ئالغايسەن ئۆزۈڭ تاللىغاننى، ئامان قىلغايسەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆستۈرگەننى.

[18] بىزلەر ھەرگىز سەندىن ئايرىلمايمىز شۇندا، گۈللەتكىن بىزنى، ئىبادەت قىلىمىز ساڭا.

[19] ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى.

زەبۇر — Chapters