Skip to content
Opens in a new window

[1] نەقەدەر بەختلىك ھە! يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى، مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى.

[2] پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار، كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.

[3] ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا، ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار. سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.

[4] بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا، ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.

[5] باش كۆتۈرەلمەس يامانلار خۇدانىڭ سورىقىدا، گۇناھكارلار تۇرالماس ھەققانىيلار قاتارىدا.

[6] پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى، يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى.

زەبۇر — Chapters