[1] ئى پەرۋەردىگار، نېچۈن مەندىن قېچىپ تۇرىسەن يىراقتا، نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا؟
[2] يامانلار تەكەببۇرلۇقتا سالماقتا زۇلۇم ئاجىزلارغا، ئاجىزلار چۈشۈپ قالماقتا ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا.
[3] يامانلار كۆزگە ئىلماس پەرۋەردىگارنى، پەخىرلىنىپ ئۇلار ھەۋەسلىرىدىن، ماختاپ ئۇچۇرار ئاچ كۆزلەرنى.
[4] يامانلار ئىزدىمەس خۇدانى ھاكاۋۇرلىقىدا، خۇدا يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىدا.
[5] ئوڭۇشلۇق بولار ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە، خۇدا ھۆكۈمىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئالماي نەزەرگە، مەغرۇر ھالدا دىماق قاقار دۈشمەنلىرىگە.
[6] ئۇلار دەر كۆڭۈللىرىدە: «تەۋرەنمەسمىز، ھېچقاچان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماسمىز.»
[7] ھىيلە، لەنەت ۋە زورلۇق تولغاندۇر ئېغىزلىرىغا، يامانلىق ۋە زەھەر چاچار تىللىرىدا.
[8] مۆكۈپ تۇرۇپ مەھەللىلەرنىڭ پىنھانلىرىدا، گۇناھسىزلارنى قەتل قىلار تۇيۇقسىزلا، تىكىلگەندۇر كۆزلىرى پاناھسىزلارغا.
[9] چاتقاللىقتا مۆكۈپ تۇرغان شىر كەبى ئۇلار، پايلاپ تۇرار تۇتۇشقا ئاجىزلارنى، چۈشۈرۈپ قىلتاقلىرىغا، تۇتۇۋالار ئۇلارنى.
[10] پۇرسەت كۈتەر مۆكۈپ تۇرۇپ يامانلار، چاڭگىلىغا چۈشەر ئۇلارنىڭ پاناھسىزلار.
[11] دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى، نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.»
[12] ئۆتۈنەي ئى خۇدا، جازالىغايسەن يامانلارنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇمىغايسەن بىچارىلەرنى.
[13] نېچۈن يامانلار كۆزگە ئىلماس ئى خۇدا سېنى، نېچۈن كۆڭۈللىرىدە دەر: «جازالىمايدۇ خۇدا مېنى.»
[14] بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا.
[15] سۇندۇرغايسەن رەزىل ۋە يامانلارنىڭ بىلەكلىرىنى، رەزىللىكلىرى يوقالغۇچە جازالىغايسەن ئۇلارنى.
[16] مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، يوقىلار زېمىنىدىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانلار.
[17] ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە، قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە. كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.
[18] قوغدايسەن يېتىم-يېسىر، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەققىنى، پانىي ئالەمدە ھېچكىم قورقۇتالماس ئۇلارنى.