Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى خۇدا قۇتقۇزغىن مېنى، سۇ تۇمشۇقۇمغا يەتتى!

[2] تېگى يوق پاتقاققا پېتىپ كەتتىم، كەلكۈندە غەرق بولۇپ، چوڭقۇرغا چۆكۈپ كەتتىم.

[3] پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى، گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى، تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى.

[4] چېچىمدىن كۆپتۇر مېنىڭ، سەۋەبسىز ماڭا ئۆچلەر. قارا چاپلار ماڭا ئۇلار، مېنى يوقاتماقچى بولغانلار _ مەندىن كۈچلۈك دۈشمەنلەر. مەن بۇلىمىغان نەرسىنى، قايتۇرۇپ بەر، دەيدۇ ئۇلار.

[5] ئى خۇدا، نادانلىقىم ساڭا ئايان، مېنىڭ يەنە قەبىھلىكلىرىم _ يوشۇرۇن ئەمەس، ساڭا ئايان.

[6] ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۈمىدىنى ساڭا باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي. ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، ساڭا تەلپۈنگەنلەر، مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي.

[7] ھاقارەتلەندىم سەن ئۈچۈن خۇدا، يۈزۈم چۈشۈپ، قالدىم نومۇستا.

[8] يات بولدۇم تۇغقانلىرىمغا، ياققا يۇرتلۇق ئاتالدىم قېرىنداشلىرىمغا.

[9] چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.

[10] مەن روزا تۇتۇپ يىغلىسام تۆۋەن تۇتۇپ ئۆزۈمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇلار مېنى.

[11] ماتەم تۇتۇپ، مەيۈسلىنىپ يۈرسەممۇ ئۆزۈم، مەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە يەنە قالدىم.

[12] تەنە قىلدى شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلار، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىغا تېما بولدۇم.

[13] شۇنداقتىمۇ دۇئا قىلىمەن توختىماي ساڭا، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولغاچ سەندە، خالىغان ۋاقتىڭدا، ئىشەنچلىك نىجاتلىقىڭنى دۇئالىرىمغا جاۋاب قىلىپ، بەرگىن ماڭا.

[14] قۇتقۇز مېنى ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، قۇتقۇز مېنى پېتىپ قالغان پاتقاقلىقتىن، قۇتقۇز مېنى سۇنىڭ چوڭقۇر قاينىمىدىن.

[15] غەرق قىلما مېنى كەلكۈن سۇلىرىغا، يۇتقۇزمىغىن مېنى دېڭىز دولقۇنىغا، يەم قىلمىغىن مېنى تەگسىز ھاڭغا.

[16] ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆزۈڭ جاۋاب بەرگىن، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئەۋزەل ماڭا، مېھرى چەكسىز جامالىڭنى كۆرسەت خۇدا.

[17] جامالىڭنى مەن قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغىن، چۈنكى ئېغىر كۈن چۈشتى مېنىڭ بېشىمغا. ئى ئىلاھىم، ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگىن.

[18] ئى پەرۋەردىگار، يېقىنلاشقىن ماڭا، خالاس قىلىپ دۈشمەنلىرىمدىن، قۇتقۇزغۇچى بولغىن جېنىمغا.

[19] بىلىسەن مېنىڭ قانداق ھاقارەتلەنگەنلىكىمنى، رەسۋا بولۇپ بىھۆرمەت قالغانلىقىمنى، سەن بىلىسەن مېنىڭ بارلىق رەقىبلىرىمنى.

[20] قەلبىمنى زىدە قىلدى ھاقارەتلەر، قايغۇ ۋە ھەسرەتلەرگە چۆمۈلدىم. تەلمۈرسەممۇ ھېسداشلىق قىلارمۇ دەپ بىرەرى، ياكى تەسەللى بىرەرمۇ دەپ بىرەرسى، بىرەرسىمۇ چىقمىدى، يوقتۇر ھېچكىم.

[21] ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى.

[22] زىياپىتى ئۆزلىرىگە قىلتاق بولغاي، مېھمانلىرى ئۈچۈن قاپقان بولغاي.

[23] بەل-پۇتلىرى مادارسىز تىترەپ تۇرغاي، كۆزلىرى تورلىشىپ كور بولغاي.

[24] غەزىپىڭنى ئۇلارغا چۈشۈرگەيسەن، قەھرىڭنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرگەيسەن.

[25] ماكانلىرى ئۇلارنىڭ خاراب بولسۇن، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالسۇن.

[26] چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا سەن جازالىغانلارغا، ئازاب قوشماقتا سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا.

[27] ئى پەرۋەردىگار، جازا قوشقىن ئۇلارنىڭ جازاسىغا، ھەم ئادالەتنىڭ نېسىۋىسىنى بەرمىگىن ئۇلارغا.

[28] ئۆچۈرۈۋەتكىن ھاياتلىقنىڭ دەپتىرىدىن ئۇلارنى، ھەم ھەققانىيلار قاتارىغا پۈتمىگىن ئۇلارنى.

[29] بىراق ئۆزۈم دەرد تارتتىم ۋە ئېزىلدىم، قۇتقۇز مېنى، پاناھىڭغا ئال ئىگەم.

[30] مەدھىيەلەيمەن مۇناجاتتا نامىڭنى، ئۇلۇغلايمەن شۈكۈر ئېيتىپ سېنى.

[31] بۇنداق قىلىش سېنى خۇرسەن قىلار، بۇ ساڭا ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر، مۈڭگۈزلۈك ۋە تۇياقلىق بۇقىلاردىنمۇ ئەلادۇر.

[32] ئېزىلگەنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇش بولار، خۇداغا تەلپۈنگەنلەر روھلىنىپ ئىلھاملىنار.

[33] چۈنكى خۇدا قۇلاق سالار موھتاجلارنىڭ دەردلىرىگە، ئېتىبارسىز قارىماس ئازاب تارتقان بەندىلىرىگە.

[34] مەدھىيەلىسۇن ئاسمان-زېمىن خۇدانى، مەدھىيەلىسۇن دېڭىز-ئوكيان، جانىۋارلار ھەم ئۇنى.

[35] چۈنكى خۇدا قۇتقۇزار سىئوننى، قايتا بىنا قىلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى. ئۇ يەر خۇدانىڭ خەلقىگە مەنسۇپ بولار، ئۇلار شۇ زېمىندا ھەم ماكانلىشار.

[36] خۇدا قۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلار. خۇدانى سۆيگەنلەر بۇ يەرلەردە ماكانلىشار.

زەبۇر — Chapters