[1] قۇلاق سالغىن ئى خۇدا، ئاڭلا مېنىڭ ئاھىمنى، دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قوغدىغىن ھاياتىمنى.
[2] ساقلىغىن مېنى ئۆزۈڭ رەزىللەرنىڭ سۇيىقەستىدىن، ئامان قىل ھاياتىمنى يامانلارنىڭ قەستىدىن.
[3] بەئەينى شەمشەر كەبى ئۆتكۈر ئۇلارنىڭ تىللىرى، خۇددى ئوقيادەك بەتلەكلىك ئۇلارنىڭ زەھەر سۆزلىرى.
[4] يوشۇرۇن ئاتار ئۇلار گۇناھسىز كىشىلەرنى، تۇيۇقسىز ئوققا تۇتار تەپ تارتماستىن ئۇلارنى.
[5] بەتنىيەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ بىر-بىرىنى، مەسلىھەتلىشەر ئۆزئارا يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى، ئويلايدۇ ئۇلار: «كىم بىلىپ قالاتتى بۇ ئىشلارنى.»
[6] دەيدۇ ئۇلار ھەرخىل سۇيىقەست ئويلاپ چىقىپ: «مۇكەممەل پىلان تۈزدۇق بىرلىشىپ.» نېمىدېگەن سىرلىق ھە، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى.
[7] ئەمما خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتار، ئۇلار تۇيۇقسىز يارىدار بولار.
[8] تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار، ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار.
[9] قورقۇنچ باسار ھەممە ئىنسانلارنى، ئويلىغاندا خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، بايان قىلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.
[10] ھەققانىيلار شادلانسۇن پەرۋەردىگاردىن دائىما، پاناھ تاپسۇن ھەم ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قوينىدا، قەلبى پاكلار ھەمدۇسانا ئېيتسۇن ئۇنىڭغا.