Skip to content
Opens in a new window

[1] مۇقەددەس تاغلار ئارا خۇدا قۇرغان شەھەر تۇرار.

[2] پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر.

[3] ئەي خۇدانىڭ شەھىرى، شەرىپىڭگە پۈتۈلمەكتە ئۇلۇغ ئىشلار. سېلاھ

[4] راخابلىق ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا، فىلىستىيەلىك، تىرلىق ھەم ئېفىيوپىيەلىكمۇ شۇ قاتاردا. دەيمەن ئۇلار ھەققىدە: «بۇ ئادەملەر تۇغۇلغان سىئوندا.»

[5] سىئون توغرۇلۇق مۇنداق ئېيتىلار: «سىئوندا تۇغۇلغان ھەر مىللەتتىن بولغانلار»، ئۇلۇغ خۇدا ئۆزى سىئوننى پۇختا قىلار.

[6] يات قوۋمنى پۈتكىنىدە تىزىمغا پەرۋەردىگار: «بۇ كىشى سىئوندا تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويار. سېلاھ

[7] ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار ناخشىنى مۇنداق ئېيتار: «ئەي سىئون، مېنىڭ ھايات مەنبەيىم سېنىڭدىدۇر.»

زەبۇر — Chapters