[1] بىچارە ۋە موھتاجدۇرمەن، ئى رەببىم خۇدا، نىدايىمغا قۇلاق سېلىپ جاۋاب بەرگىن ماڭا.
[2] ساڭا سادىق بەندەڭنىڭ ساقلاپ قالغىن جېنىنى. قۇتقۇزۇۋالغىن، پەقەتلا ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى. چۈنكى سەنلا بىردىنبىر مېنىڭ خۇدايىمسەن.
[3] ئى رەببىم، ئىلتىپات ئەيلىگىن ماڭا، قىلماقتىمەن كۈنبويى ئىلتىجا ساڭا.
[4] مەن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كۆڭلىنى بىر شاد قىلغىنا، چۈنكى مەن سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن ساڭا.
[5] ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان.
[6] ئى پەرۋەردىگار، كۆڭۈل بۆلگىن مېنىڭ دۇئايىمغا، قۇلاق سالغىن شەپقەت سورىغان ئىلتىجايىمغا.
[7] سېغىنىمەن رەببىم سېنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا، چۈنكى سەن جاۋاب بېرىپ كەلدىڭ ماڭا دائىما.
[8] يېگانىسەن ئى رەببىم غەيرىي ئىلاھلار ئالدىدا، ئۇلۇغ ئىشنى قىلغۇچى پەقەت بىر ئۆزۈڭلا.
[9] سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار.
[10] ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىسەن، بەرھەق، يالغۇز سەنلا خۇدادۇرسەن.
[11] پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي. قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى، چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي.
[12] پۈتۈن قەلبىم بىلەن شۈكۈرلەر ئېيتىمەن ساڭا، ئۇلۇغلايمەن نامىڭنى مەڭگۈگە رەببىم خۇدا.
[13] چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا.
[14] ئى خۇدا، ماڭا قارشى تۇرىدۇ مەنمەنچىلەر، جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئىزدەر مېنى ۋەھشىيلەر. كۆزگە ئىلىپ قويماس سېنى قىلچە ئۇلار.
[15] لېكىن رەببىم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتتە چەكسىزسەن.
[16] ھالىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئەيلىگىن، مەندەك قۇلۇڭغا كۈچ-مادار ئاتا قىلغىن، پېقىر قۇلۇڭنى مۇشەققەتتىن قۇتقۇزغىن.
[17] كۆرسەت ماڭا شەپقىتىڭنى، ياردەم بەرگىن ئى پەرۋەردىگار، تاپسۇن قەلبىم تەسەللى، بولسۇن شەرمەندە ماڭا ئۆچ بولغانلار.