Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەي جاھان ئەھلى قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقلەر ياخشى ئاڭلاڭلار.

[2] ئېسىلزادە ياكى ئاددىي ئادەم بولسۇن، باي ۋە نامرات ھەممىسى قۇلاق سالسۇن.

[3] بايان ئەيلەي ھېكمەتكە تولغان دۇردانىلارنى، چۈشەندۈرەي قەلبىمدىكى چوڭقۇر ئويلارنى.

[4] دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.

[5] مەن نېمىشقا قورقۇپ يۈرەي كۈلپەت كەلسە بېشىمغا، رەقىبلىرىمنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى ئەتراپىمنى قاپلاپ تۇرسا؟!

[6] مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار.

[7] قېرىندىشى ئۈچۈن ھېچكىم خۇداغا بەدەل تۆلىيەلمەس، قېرىندىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش مۇمكىن ئەمەس، باھاسىزدۇر ئىنسان ھاياتى، سېتىپ ئالغىلى بولماس. قۇتقۇزالماس ھېچكىم ئۆلۈمدىن قېرىندىشىنى، مەڭگۈ ياشاپ، گۆر ئازابىنى كۆرمەسلىكىنى.

[10] بىلىمىز دانىشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم شەربىتى ئىچىدىغانلىقىنى، نادان ۋە ئەخمەقلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدىغانلىقىنى. ئۇلار ھامان قالدۇرۇپ كېتەر باشقىلارغا مال-مۈلكىنى.

[11] گەر نام قىلىپ بەرسىمۇ ئىسىملىرىنى يەرلىرىگە، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۆيلىرى بولۇپ قالار مەڭگۈگە. تۇرالغۇسىدۇر شۇ قەبرىلەر دەۋردىن-دەۋرگىچە.

[12] بايلىقى بولسىمۇ مەڭگۈ ياشاۋەرمەس ئىنسان، ھايۋانغا ئوخشاش بىر كۈنى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ ھامان.

[13] مۇشۇنداق بولار ئاقىۋىتى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئەخمەقلەرنىڭ، ئۇلارغا ئەگىشىپ سۆزلىرىگە قايىل بولغانلارنىڭ. سېلاھ

[14] پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا، ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا. جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا. ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە.

[15] لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى. سېلاھ

[16] بىسەرەمجان بولما بىرەرسى بېيىپ كەتسە، ئائىلىسىنىڭ مال ۋە مۈلكى كۆپەيسە.

[17] ھېچنېمىسىنى ئېلىپ كېتەلمەس ئۇ ئۆلگەندە، بىللە بولماس مال ۋە مۈلكى قەبرىسىدە.

[18] بەختلىك ھېس قىلسىمۇ ئۇ ئۆزىنى ھايات چېغىدا، كىشىلەر ماختىسىمۇ ئۇ روناق تاپقىنىدا،

[19] كېتەر ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، چىقالماس مەڭگۈ ئۇلار يورۇقلۇققا.

[20] چۈشەنمەس بايلىقى بار ئىنسانلار بۇنى، ھايۋانغا ئوخشاش ئۆلىدىغانلىقىنى بىر كۈنى.

زەبۇر — Chapters