Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەي پۈتكۈل جاھاندىكى ئىنسانلار، ياڭرىتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار.

[2] خۇشاللىق بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار ئۇنىڭغا، شادلىق بىلەن مۇناجات ئوقۇپ كىرىڭلار ھۇزۇرىغا.

[3] بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار يېگانىدۇر، بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز، بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز.

[4] دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىپ، قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار ھويلىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ، تەرىپلەڭلار نامىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ.

[5] بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر.

زەبۇر — Chapters