[1] ئى خۇدا، چىن دىلىمدىن ئېيتىمەن تەشەككۈرۈمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ پۈتكۈل كارامەتلىرىڭنى.
[2] سەندىن ئالدىم خۇشاللىق، شادلىقىمنى، ئى ئۇلۇغ خۇدا، كۈيلەيمەن نامىڭنى.
[3] دۈشمەنلىرىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقىنىدا، ھالاك قىلىسەن ئۇلارنى ئالدىمدا.
[4] چۈنكى، مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا، ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا.
[5] سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى، ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى، ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى.
[6] دۈشمەنلەر ۋەيران بولدى ئەبەدكە، ئايلىنىپ شەھەرلىرى خارابىلىككە. قالمىدى ئۇ جايلارنىڭ ناملىرى تارىخ بېتىدە.
[7] پەرۋەردىگار ئولتۇرار مەڭگۈ شاھلىق تەختىدە، ھۆكۈم ئۈچۈن قۇرغاندۇر ئۇ تەختىنى ئەسلىدە.
[8] دۇنيانى ئۇ سوراق قىلار ئادالەتتە، ئادىل ھۆكۈم چىقىرار خەلقلەرگە.
[9] پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە، پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە.
[10] سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر ئىشەنچىسىنى باغلار ساڭا، چۈنكى، تەرك ئەتمەيسەن ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا.
[11] كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى، بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى.
[12] چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.
[13] ئى پەرۋەردىگار، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئۆلۈمنىڭ گىردابىدىن. قارىغىن، ئۆچمەنلەرنىڭ ماڭا سالغان ئازابىغا.
[14] بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.
[15] يات ئەللەر چۈشتى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا، پۇتلىرى ئىلىنىپ قالدى يوشۇرۇپ قويغان تۇزاققا.
[16] ھۆكۈمى بىلەن تونۇتتى ئۆزىنى پەرۋەردىگار، يامانلىقلىرى بىلەن چۈشىلىپ قالدى يامانلار. خىگگائون سېلاھ
[17] قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.
[18] مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتمەس بۇ دۇنيانىڭ يوقسۇللىرى، ئەمەلگە ئاشماي قالماس ئېزىلگەنلەرنىڭ ئارزۇلىرى.
[19] ئى پەرۋەردىگار، ياردەم قىل، غالىب كەلمىسۇن رەزىللەر، ئالدىڭدا سوراق قىلىنسۇن يات ئەللەر.
[20] ئى پەرۋەردىگار، قورقۇنچقا سالغىن ئۇلارنى، بىلىپ يەتسۇن ئۇلار پەقەتلا بەندە ئىكەنلىكىنى. سېلاھ