[1] ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بەختتۇر ساڭا شۈكۈر ئېيتىش، ئى ئۇلۇغ خۇدا، نەقەدەر بەختتۇر نامىڭنى ناخشىغا قېتىش.
[2] بايان ئەيلەپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، ساداقىتىڭنى تەرىپلەش ھەربىر كېچىدە _
[3] ئون تارلىق ساز ۋە چىلتارنىڭ ناۋاسىدا، لىرانىڭ يېقىملىق مۇڭلىرىدا.
[4] چۈنكى مېنى شادلاندۇردۇڭ كارامەتلىرىڭدە ئى خۇدا، ماڭا قىلغان ئەجرىڭدىن ناخشا ئېيتارمەن خۇشاللىقتا.
[5] ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بۈيۈك سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭ. شۇنچىلىك يۈكسەك، نىيەت، مەقسەتلىرىڭ.
[6] تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر، چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر.
[7] گەرچە ئوت-چۆپ ئۆسكەندەك تېز ئۆسسىمۇ رەزىللەر، شۇنچە گۈللەپ ياشنىسىمۇ ھەمدە بارلىق پەسكەشلەر، لېكىن مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە دۇچاردۇر ئۇلار.
[8] ھەممىگە مەڭگۈ قادىردۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار.
[9] مانا قارا، دۈشمەنلىرىڭ مۇقەررەركى ھالاك بولار، تىرىپىرەن بولىدۇ ھەم يامانلىق قىلغۇچىلار.
[10] لېكىن ياۋا بۇقىدەك كۈچلەندۈردۈڭ سەن مېنى، ھەم بېشىمغا سۈركىدىڭ روھلاندۇرغۇچ مېيىنى.
[11] كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى، ئاڭلىدىم رەزىل رەقىبلىرىمنىڭ يىغا-زارىنى.
[12] خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.
[13] تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.
[14] قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە، بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە.
[15] شۇڭا ئۇلار دەيدۇكى: «پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، ئادالەتلىك ئۇ دائىم، قورام تاشتەك پاناھىمىز خۇدادۇر.»