[1] ئەي جاھان ئەھلى خۇداغا ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار، خىسلەتلىرىنى تەرىپلەپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار، ھاياجاندا ئۇنىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار.
[3] شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا: «نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ! كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا.
[4] پۈتكۈل يەر-جاھان سەجدە قىلماقتا ساڭا، كۈيلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇماقتا نامىڭغا.» سېلاھ
[5] كۆرۈڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.
[6] ئۇ يول ئاچتى دېڭىزنى يېرىپ، مېڭىپ ئۆتتى خەلقلەر قۇرغاق يولدىن. تەنتەنە قىلدۇق مىننەتدار بولۇپ خۇدادىن.
[7] ئۆز قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ خۇدا، پۈتكۈل ئىنسان ئىشلىرى ئاياندۇر كۆز ئالدىدا. ئىتائەتسىزلەر قارشى چىقمىسۇن ئۇنىڭغا. سېلاھ
[8] ئەي يات خەلقلەر مەدھىيەلەڭلار خۇدايىمىزنى، ياڭرىتىڭلار ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەمدۇسانا، ئالقىشلارنى.
[9] ئۇ ساقلاپ كەلدى ھاياتىمىزنى، تېيىلىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمىزنى.
[10] ئى خۇدا، سەن بىزنى سىنىدىڭ، كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك تاۋلىدىڭ.
[11] سەن تۇزاققا چۈشۈردۈڭ بىزنى، يەلكىمىزگە ھەم ئارتتىڭ ئېغىر يۈكنى.
[12] غەلىبە قىلدۇرغانىدىڭ ئۈستىمىزدىن دۈشمىنىمىزنى. سەن ئۆزۈڭ سۇدىنمۇ، ئوتتىنمۇ ئۆتكۈزۈپ بىزنى، ئاخىرى مولچىلىققا ئېلىپ كەلدىڭ خەلقىمىزنى.
[13] ئى خۇدا، ساڭا ۋەدە بەرگەنىدىم كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قەسەم قىلغانىدىم يەلكەمنى ئېغىر كۈن باسقىنىدا. ئېلىپ كىرىپ ئىبادەتخاناڭغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، ئادا قىلىمەن دەپ، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى.
[15] ئى خۇدا ساڭا ئاتاپ بورداق ماللارنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېغىشلايمەن. قوچقار يېغىنى كۆيدۈرۈپ، پۇرىتىمەن، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ئۆزۈڭگە سۇنىمەن. سېلاھ
[16] ئەي خۇداغا ئىخلاسى بارلار، تىڭشاڭلار سۆزۈمنى، سۆزلەپ بېرەي خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.
[17] ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قىلدىم نىدا، ئوقۇدۇم ئۇنىڭغا مەدھىيە، ھەمدۇسانا.
[18] پەرۋەردىگار قۇلاق سالماس ئىدى دۇئايىمغا، مايىل بولسا ناۋادا قەلبىم مېنىڭ گۇناھقا.
[19] شۈبھىسىزكى، دۇئايىمنى ئاڭلىدى خۇدا، دۇئا قىلغىنىمدا قۇلاق سېلىپ تۇردى ماڭا.
[20] تەرىپلەيلى ھەممىمىز خۇدايىمىزنى، ئۇ رەت قىلمىدى دۇئايىمنى، مەندىن خالىي قىلمىدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى.