Skip to content
Opens in a new window

[1] كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.

[2] ئېيتارمەن پەرۋەردىگارغا: «باشپاناھىم، قورغىنىمسەن، ئىشەنچىمنى باغلىغان خۇدايىمسەن.»

[3] بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزار سېنى قىلتاقچىنىڭ قىلتاقلىرىدىن، قىرغىن قىلغۇچى ۋابادىن.

[4] بۈركۈت كەبى ئۇ قاناتلىرى ئاستىغا ئالار سېنى، سەن ئۈچۈن پاناھ بولار ئۇنىڭ قاناتلىرى، قالقان ۋە ئىستىھكامىڭ بولار ساداقىتى.

[5] قورقماسسەن نە كېچىنىڭ ۋەھىمىسىدىن، نە كۈندۈزى ئېتىلغان ئوقتىن.

[6] نە قاراڭغۇدا بىلدۈرمەي تارقالغان ۋابادىن، نە يورۇقتا كەلگەن ئەجەللىك ئاپەتتىن.

[7] گەرچە مىڭلىغان كىشىلەر يىقىلسىمۇ بۇ يېنىڭدا، تۈمەنلىگەن جەسەتلەر ياتسىمۇ ئۇ يېنىڭدا، بالا-قازالار ھېچ يېقىنلاشماس ساڭا.

[8] كۆرىسەن پەقەت ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى، پاسىقلارنىڭ قانداق جازالانغىنىنى.

[9] پەرۋەردىگارنى پاناھ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ئۇلۇغ خۇدانى قورغىنىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن،

[10] ھېچبىر يامانلىق كەلمەس بېشىڭغا، ھېچ ۋابا يېقىنلاشماس چېدىرىڭغا.

[11] پەرۋەردىگار ئەمر بېرەر سەن ئۈچۈن پەرىشتىلىرىگە، ئۇلار قوغدار سېنى ھەممە يوللىرىڭدا.

[12] يۈرەر پەرىشتىلەر سېنى كۆتۈرۈپ قوللىرىدا، ئۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ پۇتلىرىڭ بىرەر تاشقا.

[13] بېسىپ دەسسەيسەن يىلان ۋە شىرنى، چەيلەيسەن زەھەرلىك يىلان ۋە ئارسلاننى.

[14] دەيدۇكى پەرۋەردىگار: «مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزىمەن. مېنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن قوغدايمەن.

[15] جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.

[16] ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىپ، مەمنۇن قىلىمەن ئۇنى، بېرىمەن ئۇنىڭغا نىجاتلىقىمنى.»

زەبۇر — Chapters