Skip to content
Opens in a new window

[1] يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئەي جاھان ئەھلى ياڭرىتىڭلار غەزەللەر ئۇنىڭغا ئاتاپ.

[2] ناخشاڭلاردا تەرىپلەڭلار خۇدانىڭ نامىنى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.

[3] تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا.

[4] ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ غەيرىي ئىلاھلاردىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.

[5] پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى، ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى.

[6] ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە گۈزەللىككە تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.

[7] تەرىپلەڭلار ئەي ئەل-قوۋملار پەرۋەردىگارنى، كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى.

[8] پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار، خۇدانىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار.

[9] ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار، پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار،

[10] ئېيتىڭلار ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر، ئۇ سورار خەلقلەرنى ئادالەتتە. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.»

[11] شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار.

[12] يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار، ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار.

[13] چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا، كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا.

زەبۇر — Chapters