Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى رەببىم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.

[2] تاغلار بەرپا قىلىنماستىنلا، زېمىن ۋە ئالەم يارىتىلماستىنلا، ئۆزۈڭ خۇدا ئىدىڭ ئەزەلدىنلا، مەڭگۈگە خۇدادۇرسەن يەنىلا.

[3] دېسەڭ ئەگەر «ئەي ئىنسانلار، تۇپراققا قايتىڭلار»، ئىنسان شۇئان تۇپراققا ئايلىنار.

[4] بەرھەق، سەن ئۈچۈن مىڭ يىل گويا تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەكلا، ياكى كېچىدىكى بىرنەچچە سائەتتەكلا.

[5] ئىنساننى ئېلىپ كېتىسەن كەلكۈندەك، ئۇنىڭ ئۆمرى تۈگەر گوياكى چۈشتەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك.

[6] مايسىلار ئۈنۈپ چىقار سەھەردە، سولىشىپ كېتەر ئاخشامغىچە.

[7] شۈبھىسىزكى، بىز ھالاك بولىمىز غەزىپىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمىز قەھرىڭدىن.

[8] ئاشكارا قىلىسەن يامانلىقىمىزنى ئالدىڭدا، پىنھان گۇناھلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرىدا.

[9] كۈنلىرىمىز غەزەپ-نەپرەتتە ئۆتەر، يىللىرىمىز ئۇھ تارتىپ ئازابتا كېتەر.

[10] ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر.

[11] غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟ قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟

[12] ئۆمۈر قىسقا، قەدىرلەشنى ئۆگەتكىن بىزگە، شۇ ئۆمۈرنىڭ ساۋاقلىرى ئورنىسۇن قەلبىمىزگە.

[13] ئى ئىگەم ئۆتۈنەي مەن، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟ رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە!

[14] ھەر سەھەردە قاندۇرساڭ گەر بىزنى چىن مۇھەببىتىڭگە، ھەر كۈن ئالقىش ياڭراتقايمىز سېنىڭ قۇتلۇق شەنىڭگە.

[15] بىزگە قانچە ئۇزۇن ئازاب سالغان بولساڭ، بىزنى قانداق كۈلپەتلەرگە قويغان بولساڭ، ئەمدى شۇنچە كۈلكە، شادلىق بەرگىن بىزگە.

[16] سادىق بەندىلىرىڭ كۆرسۇن نىجاتلىقىڭنى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى شان-شۆھرىتىڭنى.

[17] ئى رەببىمىز، مېھرىڭ بىزگە يار بولسۇن، مەدەت قىلغىن، ئىشلىرىمىز ئوڭ بولسۇن، قوللىرىمىز بەرىكىتىڭگە لىق تولسۇن.

زەبۇر — Chapters