Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتارسەنمۇ مەڭگۈ مېنى؟ يوشۇرارسەن قاچانغىچە مەندىن يۈزۈڭنى؟

[2] ھەسرەت يۇتۇپ ئۆتەرمەن، قاچانغىچە ئەندىشىدە، دۈشمىنىم دەسسەپ تۇرار قاچانغىچە يەلكەمگە؟

[3] ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، جاۋاب بەرگىن نەزىرىڭنى سېلىپ ماڭا، نۇرلاندۇرغىن كۆزلىرىمنى، بولمىسا كېتەرمەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا.

[4] ئەگەر كۆزلىرىم يۇمۇلسا خۇش بولار رەقىبلىرىم، «مەن ئۇنىڭدىن غالىب كەلدىم» دېيىشەر دۈشمەنلىرىم.

[5] تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە، نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە.

[6] ئىلتىپات ئەيلىگەچ سەن ماڭا، ئى پەرۋەردىگار، مۇناجات ئوقۇيمەن ساڭا.

زەبۇر — Chapters