Skip to content
Opens in a new window

[1] ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، ھەيۋەت ئۇنىڭ يېپىنچىسى، ئورالغاندۇر ئۇلۇغۋارلىق، قۇدرەت ئۇنىڭ بەل پوتىسى. مەزمۇت قىلىنغان دۇنيا، تەۋرەنمەس ئۇ ئەسلا.

[2] مۇستەھكەمدۇر تەختىڭ ئەزەلدىن، مەۋجۇتسەن ئۆزۈڭ ئەلمىساقتىن.

[3] ئى پەرۋەردىگار، شارقىرىماقتا دېڭىز سۇلىرى، ياڭرىماقتا شاۋقۇنلىرى، گۈلدۈرلىمەكتە دولقۇنلىرى.

[4] دېڭىزلارنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىدىن، دولقۇنلارنىڭ يۇلقۇنۇشلىرىدىن، قۇدرەتلىكتۇر ئەرشتىكى پەرۋەردىگار.

[5] ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەستۇر پەرزلىرىڭ، ئۆيۈڭگە زىننەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇقەددەسلىكىڭ.

زەبۇر — Chapters