Skip to content
Opens in a new window

[1] شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلار.

[2] ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى پەرۋەردىگار قۇتقۇزغانلار، بايان قىلىڭلار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزۇلغانلار.

[3] ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى ھەر يۇرتلاردىن يىغىلغانلار _ شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدىن كەلگەنلەر.

[4] بەزىلىرى كېزىپ ئادەم ئاياغ باسمىغان باياۋاننى، تاپالمىدى ئادەم ماكان تۇتقان ھېچبىر يەرنى.

[5] ئۇلار ئاچ، ئۇسسۇغانىدى، ئۈمىدلىرى ئۈزۈلگەنىدى.

[6] كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.

[7] تاپقۇچە ئۇلار ماكانلاشقۇدەك بىر يەرنى، تۈز يولغا باشلىدى خۇدا ئۇلارنى.

[8] شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.

[9] ئۇ قاندۇرغۇچىدۇر ئۇسسۇزلۇقىنى چاڭقىغانلارنىڭ، ئۇ تويدۇرغۇچىدۇر ئېسىل نېمەتلەر بىلەن قورسىقىنى ئاچلارنىڭ.

[10] بەزىلەر زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانىدى، ئۇلار كىشەنلىنىپ، ئازاب چەككەن مەھبۇسلار ئىدى.

[11] چۈنكى ئۇلار يەرگە ئۇرۇپ خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى، كۆزگە ئىلمىغانىدى ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى.

[12] دەرد تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى خۇدا ئۇلارنى، يىقىلسىمۇ گەر ئۇلار چىقمىدى يۆلەيدىغان ھېچبىرى.

[13] كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.

[14] قاراڭغۇ زۇلمەتتىن چىقاردى ئۇلارنى، سۇندۇرۇپ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى.

[15] شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.

[16] پاچاقلاپ تاشلىدى ئۇ تۇچ دەرۋازىلارنى، چېقىپ تاشلاپ تۆمۈر تاقاقلارنى.

[17] بەزىلەر ھاماقەت بولدى گۇناھلىرىدىن، دۇچار بولدى ئازابلارغا قەبىھلىكلىرىدىن.

[18] يېمەكلىكلەردىن بولۇپ بىزار، بېرىپ قالدى ئۆلۈم گىردابىغا ئۇلار.

[19] كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.

[20] كېسەللىرى تېپىپ شىپا خۇدانىڭ كالامىدىن، قۇتقۇزدى ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن.

[21] شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.

[22] سۇنۇپ خۇداغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىنى، مەدھىيەگە قېتىڭلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى.

[23] بەزىلەر ئولتۇرۇپ كېمە-پاراخوتلاردا، تىرىكچىلىك قىلاتتى دېڭىزلاردا.

[24] گۇۋاھچىدۇر ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىگە، چوڭقۇر دېڭىزلاردا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىگە.

[25] ئەمرى بىلەن ھۆركىرىتىپ بورانلارنى، پەيدا قىلغانىدى ئۇ دولقۇنلارنى.

[26] كېمىلەر گاھ كۆتۈرۈلۈپ ئاسمان-پەلەككە، گاھ چۈشكىنىدە دولقۇن تەكتىگە، ئۇلار خەتەردىن چۈشكەنىدى ساراسىمىگە.

[27] ئۇلار گويا مەستلەردەك دەلدەڭشىيتتى، ھېچقانداق چارە-ئامالى قالمىغانتى.

[28] كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا.

[29] ئۇ بوراننى توختاتتى، دولقۇنلارمۇ تىنچىدى.

[30] شادلاندى ئۇلار تىنچىتقاچقا دولقۇننى، نىشان قىلغان پورتقا يېتەكلىدى خۇدا ئۇلارنى.

[31] شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.

[32] ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغلىسۇن خۇدانى، ئاقساقاللار مەجلىسىدە مەدھىيەلىسۇن خۇدانى.

[33] گۇناھ قىلسا بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى، باياۋانغا ئايلاندۇرۇلار دەريالىرى، سۈيى تۈگەپ قاغجىرار بۇلاقلىرى، شورلۇق تۇپراق بولار مۇنبەت يەرلىرى.

[35] ئۇ يەنە كۆل قىلار چۆل-باياۋاننى، بۇلاقلارغا ئايلاندۇرار چاڭقاق يەرلەرنى.

[36] ئاچلارنى جايلاشتۇرۇپ ئاشۇ يەرگە، ئايلاندۇرار ئۇ يەرنى بىر شەھەرگە.

[37] ئۈزۈم تىكىپ، يەر تېرىپ ئۇلار، ئالىدۇ مول ھوسۇللار.

[38] بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار، زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ، زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار.

[39] زۇلۇم، كۈلپەت، دەرد سېلىپ دۈشمەنلىرى، ناۋادا خورلىنىپ، ئازىيىپ كەتسە سانلىرى،

[40] ياۋ ھۆكۈمدارلىرىنى شەرمەندە قىلىپ پەرۋەردىگار، ئۇلارنى دەشت-چۆل، باياۋاندا سەرسان قىلار.

[41] زۇلۇمدىن ئازاد قىلىپ مىسكىنلەرنى، قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ ئەۋلادلىرىنى.

[42] بۇنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ ھەققانىيلار، ئاغزى ئېتىلىپ، ئۈنسىز تۇرار پاسىقلار.

[43] كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار.

زەبۇر — Chapters