Skip to content
Opens in a new window

[1] رەزىللەردىن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما، يامانلارغا ئىچىڭدىن ھەسەت قىلما.

[2] چۆپتەك قۇرۇپ كېتەر ئۇلار شۇنچە تىزلا، مامكاپتەك توزۇپ كېتەر بىردەمدىلا.

[3] ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.

[4] شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى.

[5] ئامانەت قىل ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، ئۇ يېتەكچى بولار ساڭا، ئىشەن ئۇنىڭغا.

[6] تاڭ سەھەردەك يورۇتار ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى، چۈشتىكى قۇياش كەبى چاقنىتار گۇناھسىزلىقىڭنى.

[7] سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن، ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.

[8] يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى، بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى.

[9] زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار، ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.

[10] پات يېقىندا تۈگەيدۇ رەزىللەرنىڭ كۈنلىرى، يوقىلار ماكانلىرىدىن، ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن ئۇلارنى.

[11] لېكىن كەمتەرلىك بىلەن خۇداغا تايىنىدىغانلار، زېمىنغا ئىگە بولۇپ، مول بەرىكەتتىن ھۇزۇرلىنار.

[12] رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا.

[13] ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى.

[14] يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى.

[15] ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى.

[16] قولىدىكى ئاز دۇنيامۇ ھەققانىي ئادەملەرنىڭ، ئەۋزەلدۇر نۇرغۇن بايلىقلىرىدىن رەزىللەرنىڭ.

[17] سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى، پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى.

[18] پەرۋەردىگار كۆڭۈل بۆلەر پاك ئىنسانلارغا، بېرىلگەن زېمىنى مەڭگۈ قالار ئۇلارغا.

[19] يەرگە قاراپ قالماس ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە، توق يۈرۈيدۇ قەھەتچىلىكتە.

[20] بىراق ھالاك بولار رەزىللەر، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى ياۋا گۈلدەك توزۇپ تۈگەر، ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولۇپ، يوقاپ كېتەر.

[21] قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر، ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار.

[22] زېمىنغا ئىگە بولار پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەنلەر، زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلار ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچۇرغانلار.

[23] خۇرسەن بولسا بىر ئادەمدىن پەرۋەردىگار، ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار.

[24] يۆلەپ تۇرغاچقا ئۇنى پەرۋەردىگار، پۇتلاشسىمۇ يىقىلماي مەزمۇت تۇرار.

[25] ياش ئىدىم مەن، قېرىدىم ئەمدى، كۆرمىدىم ھېچ خۇدانىڭ ھەققانىي ئادەمنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى.

[26] شەپقەتلىك بولۇپ ئۇ ئادەم ئۆتنە بېرەر، پەرزەنتلىرىمۇ بەرىكەت ئېلىپ كېلەر.

[27] ياخشىلىق قىلغىن، تاشلا يامانلىقنى، ماكان قىلىسەن مەڭگۈگە خۇدا بەرگەن زېمىننى.

[28] چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى. تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى، بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى.

[29] ھەققانىيلار ئىگە بولار زېمىنغا، ماكان تۇتۇپ مەڭگۈ ياشار ئۇنىڭدا.

[30] ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرى دانا بولۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىل بولۇر.

[31] قەلبىدىن ئورۇن ئالغاچ خۇدانىڭ تەلىملىرى، شۇڭا خاتا بېسىلماس قەدەملىرى.

[32] ھەققانىيلارنى پايلاپ يۈرەر رەزىللەر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەيتىنى ئىزدەپ يۈرەر.

[33] پەرۋەردىگار قالدۇرماس ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ قولىغا، ھەم قارشى ھۆكۈممۇ چىقارغۇزمايدۇ ئۇلارغا.

[34] تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى. چىڭ تۇتقىن ئۇنىڭ يولىنى، ئىگە قىلار زېمىنغا سېنى. كۆرىسەن رەزىللەرنىڭ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى.

[35] كۆرگەنمەن رەزىل، زوراۋاننىڭ روناق تاپقىنىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۈك-باراقسان دەرەختەك بولغىنىنى.

[36] ئەمما ئۆتۈپ كەتتى ئۇ، يوق بولدى قارا، ئۇنى ئىزدىسەممۇ تاپالمايمەن قايتا.

[37] پاك ئادەملەرگە باق، كۈزەت دۇرۇسلارنى، تىنچلىقنى سۆيگەنلەرنىڭ بولىدۇ ئىستىقبالى.

[38] بىراق، ئىتائەتسىزلەر قىرىلىپ تۈگەر، رەزىللەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتەر.

[39] پەرۋەردىگار نىجاتلىق بېرەر ھەققانىيلارغا، باشپاناھ بولار ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا.

[40] قۇتقۇزار ئۇلارنى ياردەم قىلىپ پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئامان ساقلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپار.

زەبۇر — Chapters