[1] ئى پەرۋەردىگار، ئاقلىغىن مېنى، ساقلاپ كەلدىم دىيانىتىمنى، تايانچىم قىلدىم پەقەت سېنى.
[2] ئى پەرۋەردىگار، سىناپ كۆر، كۆزەت مېنى، پاكلىغىن مېنىڭ نىيەت، قەلبىمنى.
[3] ئايان بولغاچ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ كۆز ئالدىمدا، مېڭىپ كەلدىم سەن كۆرسەتكەن ھەقىقەت يولۇڭدا.
[4] شېرىك ئەمەسمەن يالغانچىلارغا، ئارىلاشمايمەن ساختىپەزلەرگە.
[5] يىرگىنىمەن پاسىقلاردىن، رەزىللەر بىلەن بولمايمەن بىرگە.
[6] ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى، ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى.
[7] شۈكۈر ئېيتاي كۆتۈرۈپ ئاۋازىمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ بارلىق كارامەتلىرىڭنى.
[8] ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى.
[9] گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى، قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى.
[10] پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى، سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى.
[11] مەن بولسام يوقاتمىدىم دىيانىتىمنى، ئىلتىپات قىلىپ، قۇتقۇز مېنى.
[12] پۇتلىرىم تۇرار مېنىڭ بىخەتەر يەردە، تەرىپلەيمەن پەرۋەردىگارنى تەقۋادارلار جامائىتىدە.