Skip to content
Opens in a new window

[1] كۈچ-مادارىم پەرۋەردىگار سۆيىمەن سېنى.

[2] قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.

[3] ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزىلارمەن شۇندىلا.

[4] ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.

[5] گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم، ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.

[6] ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا، ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا. ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا، ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا.

[7] شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى، تاغلارنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى، چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.

[8] چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۈيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.

[9] كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.

[10] ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب» قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.

[11] يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، قويۇق، قارا بۇلۇتلار قورشاپ تۇراتتى ئۇنى.

[12] يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى، ياغدۇرۇپ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى، پارچىلىدى قاپقارا بۇلۇتلارنى.

[13] پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا، ياغدۇردى مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلار.

[14] تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى، ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى، چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.

[15] ئى پەرۋەردىگار، تەنبىھىڭدىن، قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن، كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى، ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى.

[16] پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.

[17] قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن.

[18] ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا، پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما.

[19] ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا، ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا.

[20] ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى خۇدا، قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا.

[21] چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا، رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا.

[22] كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى.

[23] ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم، ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.

[24] قولۇم پاك، ئۆزۈم ھەققانىي بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا.

[25] ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى، ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى.

[26] پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە.

[27] قۇتقۇزىسەن چارىسىزلارنى، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.

[28] پەرۋەردىگار، ھاياتلىق چىرىغىمنى ياققۇچىسەن، ئىلاھىم، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن.

[29] ساڭا تايىنىپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلالايمەن، ئى ئىگەم، ياردىمىڭدە سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن.

[30] خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر، ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر. پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر.

[31] «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟! ئىگىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟

[32] خۇدادۇر بېلىمنى قۇدرىتىدە باغلىغۇچى، يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچى.

[33] كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى.

[34] قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا، بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا.

[35] ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەپ، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى.

[36] بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى، تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.

[37] قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋالدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.

[38] مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا، يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.

[39] جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى، باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.

[40] چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى، يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى.

[41] ئۇلار پەرياد كۆتەرسىمۇ چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار.

[42] ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى شامالدا ئۇچقان توزاندەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.

[43] خەلق بىلەن قارشىلىششتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلغانىدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.

[44] ئاۋازىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا، تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا.

[45] جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.

[46] ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن نىجاتكارىم بولغان خۇدا!

[47] خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا.

[48] قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.

[49] ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا.

[50] پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تا ئەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا.

زەبۇر — Chapters