[1] نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم، قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ.
[2] ئەپۇ قىلىپ قىلمىشىنى خەلقىڭنىڭ، كەچۈرگەنىدىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ. سېلاھ
[3] ئاچچىقىڭنى يۇتۇۋېتىپ ئىچىڭگە، ئوتتەك يانغان قەھرىڭنى باسقانىدىڭ.
[4] بىزگە نىجاتلىق بېرىپ كەلگەن ئى خۇدا، بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بېرىپ، ئالغىن بىزنى قايتىدىن ئۆز مېھرىڭنىڭ قوينىغا.
[5] بىزگە خۇدا ئەبەدىي غەزەپلىنىپ تۇرامسەن؟ غەزىپىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سوزامسەن؟
[6] شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟
[7] بىزگە بەرگىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئاتا قىلغىن بىزگە ھەم نىجاتلىقىڭنى.
[8] قۇلاق سالاي خۇدانىڭ سۆزلىرىگە، خاتىرجەملىك، ئامانلىق بېرىدۇ ئىگەم ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا، ماڭمىسۇن دەپ خاتا يولدا ئۇلار يەنە.
[9] شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.
[10] خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلىق ۋە ئامانلىقنى.
[11] ۋاپادارلىق زېمىندا مەۋجۇت بولار، ھەققانىيلىق ئەرشلەردىن باقار.
[12] پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلار، يەرلىرىمىز چوقۇم ھوسۇللۇق بولار.
[13] ھەققانىيلىق، ئەلچىسى بولۇپ خۇدانىڭ، كېلەر ئالدىدا يول ھازىرلاپ پەرۋەردىگارنىڭ.