Skip to content
Opens in a new window

[1] ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، تىڭشىغايسەن مېنىڭ قىلغان پەريادىمنى.

[2] يوشۇرمىغىن دىدارىڭنى مەندىن خۇدا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، نىدا قىلسام قۇلاق سېلىپ تېزدىن جاۋاب بەرگىن ماڭا.

[3] ئۆمرۈم مېنىڭ ئىس-تۈتەكتەك كەتمەكتە غايىب بولۇپ، ۋۇجۇدۇم ئۆرتەنمەكتە ئوتتەك كۆيۈپ.

[4] يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى. ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى.

[5] ھەسرەت ۋە نادامەتتە كۆپ قىينالدىم، ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم.

[6] مەن گويا باياۋاندا ئۇچۇپ يۈرگەن تازقارىمەن، ۋەيرانە خارابىنى ماكان قىلغان ھۇۋقۇشمەن.

[7] مەن گويا ئۆگزىدىكى يېتىم قۇشمەن، ياتساممۇ كۆزۈم ئوچۇق، ئۇيقۇسىزمەن.

[8] كۈنبويى مەسخىرە قىلار مېنى دۈشمەنلىرىم، ھاقارەتلىك سۆزگە يانداش بولۇپ قالدى مېنىڭ ئىسمىم.

[9] سەن قەھر-غەزەپ قىلغاچ ماڭا، كۈل يېدىم قورسىقىمغا نان ئورنىغا. كۆز يېشىمسىز ئىچەلمەيمەن ئىچىملىكىمنى، بەرھەق، خۇدا ئەخلەت كەبى تاشلىدىڭ مېنى.

[11] گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى، تېنىم چۆپتەك بولۇپ قاقشال-غازاڭلاشتى.

[12] لېكىن تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگار، شۆھرىتىڭ ئەلمىساقتىن تائەبەدكە داۋاملىشار.

[13] سەن ياردىمىڭنى ئايىماي، سىئونغا رەھىم قىلىسەن، چۈنكى ئۇنىڭغا مېھرىبان بولۇپ، ياردەم قىلىش ۋاقتى كەلدى، شۇنداق، ياردەم قىلىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.

[14] قۇللىرىڭ تاشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيەر سىئوننىڭ، خاراب بولغان تۇپرىقىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ ئۇنىڭ.

[15] بارچە ئەللەر نامىڭغا ھۆرمەت قىلار پەرۋەردىگار، شەرىپىڭدىن ئەيمىنەر ئالەمدىكى ھەممە شاھ، ھۆكۈمرانلار.

[16] پەرۋەردىگار سىئوننى قايتا قۇرار، شان-شۆھرىتى خۇدانىڭ نامايان بولار.

[17] قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى، رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى.

[18] كېلىچەك بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلەڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، كەلگۈسىدە خەلقلەر مەدھىيەلىسۇن خۇدانى.

[19] چۈنكى خۇدا ئاڭلاي دەپ، مەھبۇسلارنىڭ ئاھ-زارىنى، ئازاد قىلاي دەپ، يەنە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى. نەزەر سالدى ئۈستىمىزگە مۇقەددەس ماكانىدىن، قارىدى زېمىن تامان پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن.

[21] پادىشاھلار، قوۋملار جەم بولغىنىدا، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغىنىدا. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلار سىئوندا، شەنىگە مەدھىيە ئوقۇر يېرۇسالېمدا.

[23] بىراق خۇدا ئاجىز قىلدى قىران ۋاقتىمدا، ھاياتىمنى قىسقارتتى ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.

[24] يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئى خۇدا، جېنىمنى ئالما ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.

[25] دۇنيانى يارتقانتىڭ ئەلمىساقتا، ئاسمانمۇ بەرپا بولدى ئۆز قولۇڭدا.

[26] بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، سەن بولساڭ ئەبەدىي ۋە مەڭگۈلۈكسەن. ئۇلار گويا كىيىمدەك كونىرىغاندا، سەن ئۇلارنى كىيىم كەبى ئالماشتۇرىسەن. ئاسمان-زېمىن يوق بولار بىردىنلا.

[27] لېكىن سەنلا ئۆزگەرمەس پەرۋەردىگار، پەقەت سەندە ئەبەدىي ھاياتلىق بار.

[28] خاتىرجەم ياشايدۇ قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرى، ھۇزۇرۇڭدا گۈللەپ ياشنار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى.

زەبۇر — Chapters