Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەي خەلقىم، قۇلاق سالغىن تەلىمىمگە، زېھنىڭنى بەر مېنىڭ ھەربىر سۆزلىرىمگە.

[2] ھېكمەت بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى، بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى.

[3] بىزگە ئېيتىپ قالدۇرغان بۇلارنى ئەجدادىمىز، ئاڭلىغان ۋە بىلگەنتۇق بۇلارنى ئۇلاردىن بىز.

[4] نەسلىمىزدىن يوشۇرمايمىز شۇڭا ئۇلارنى، بىز سۆزلەپ بېرىمىز ئەۋلادلارغا، خۇدانىڭ شەرەپلىك ئىشى ۋە قۇدرىتىنى، ھەم ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى.

[5] پەرزلىرىنى چۈشۈردى ئۇ ياقۇپ نەسلىگە، قانۇنلىرىنى تۇرغۇزدى ئۇ ھەم ئىسرائىللارغا. «بالاڭلارغا ئۆگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ، ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا.

[6] ئەۋلادلىرىمىز بۇلارنى چوقۇم بىلگەي، ھەتتا تۇغۇلماقچى بولغان بالىلارمۇ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بالىلىرىغا ئۆگەتكەي.

[7] يار-يۆلەك قىلغاي ئۇلار خۇدانى، رىئايە قىلىپ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئەجرىنى پۈكۈپ كۆڭۈللىرىگە.

[8] دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _ ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى. سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا، ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا.

[9] ئوقيالىق بولسىمۇ ئەفرايىم نەسلى، جەڭدە ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى.

[10] ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىگە بويسۇنمىدى، ھەم ئۇنىڭ قانۇنى بويىچە ماڭمىدى.

[11] ئۇنتۇغاندۇر ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى، يەنە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى.

[12] مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا، كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا.

[13] دېڭىزنى يېرىپ ئۇلارنى ئۆتكۈزگەنىدى، سۇنى قىيا كەبى تىك تۇرغۇزغانىدى.

[14] كۈندۈزى يېتەكلىسە ئۇلارنى بۇلۇت بىلەن، كېچىسى يول باشلىغانىدى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن.

[15] ئۇ چۆلدە تاشنى يېرىپ سۇ چىقارغانىدى، سۈيىنى دېڭىز كەبى مول قىلغانىدى.

[16] تاشلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ سۇلار، ئاققانىدى دەريا كەبى ئۇلار.

[17] ئەمما چۆلدە ئىسيان كۆتۈردى ئۇلۇغ خۇداغا، شۇنىڭ بىلەن پاتتى ئۇلار يەنە ئېغىر گۇناھقا.

[18] ئۇلار قەستەن سىناپ خۇدانى، نەپسى ئۈچۈن تەلەپ قىلدى تائامنى.

[19] دېگەنىدى ئۇلار ھاقارەت قىلىپ خۇداغا: «سالالامدۇ داستىخان مۇشۇ چۆل-دالاغا؟»

[20] دەرۋەقە، ئۇ ئۇرۇۋىدى تاشنى، سۇلار بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقتى. «ئەمدى ئۇ بىزگە نان بىلەن گۆشنى بېرەلەمدۇ؟» دېيىشتى.

[21] ئاڭلاپ بۇنى پەرۋەردىگار غەزەپلەندى، ياقۇپ نەسلىگە غەزەپ ئوتى چۈشتى، قەھرى ئۇنىڭ ئىسرائىل نەسلىگە تەگدى.

[22] ئىشەنمىدى ئۇلار خۇداغا، تايانمىدى ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا.

[23] بىراق خۇدا ئەمر قىلىپ يەنە ئاسمانغا، بۇيرۇدى ئەرشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشقا.

[24] يېمەكلىكى ئۈچۈن كۆكتىن ياغدۇردى ماننا، دېمەك، ئەرش يېمەكلىكىنى بەردى ئۇلارغا.

[25] ئىنسانلار پەرىشتىلەرنىڭ نېنىنى يېدى، خۇدا ئاتا قىلغاچ بۇنى، ئۇلار تويدى.

[26] خۇدا كۆكتە ئۇچۇردى شەرق شامىلىنى، يېتەكلەپ كەلدى جەنۇب شامىلىنى.

[27] چاڭ-توزاندەك ياغدۇردى گۆشلەرنى ئۇلارغا _ قۇشلارنى قوندۇردى ساھىلدىكى قۇملار كەبى ئەتراپىغا.

[28] ئۇ ياغدۇردى بۇلارنى بارگاھلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چۈشۈردى چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا.

[29] ئۇلار يېدى خالىغانچە، تويدى قورساقلىرى، بولدى ئىجابەت ئۇلارنىڭ خۇدادىن تىلىگەنلىرى.

[30] لېكىن نەپسى ئۇلارنىڭ تېخى تويماي تۇرۇپلا، چايناۋاتقان گۆشلىرى ئېغىزلىرىدا تۇرغاندىلا،

[31] غەزىپى كېلىپ خۇدانىڭ ئۇلارغا، قىرىۋەتتى ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر پالۋانلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ ياراملىق ياش يىگىتلىرىنى.

[32] كۆردى شۇنچە كۆپ كۆرگۈلۈكنى، لېكىن توۋا قىلمىدى، كۆردى شۇنچە كۆپ مۆجىزىلەرنى، لېكىن ئاڭا ئىشەنمىدى.

[33] شۇڭا خۇدا ھاياتىنى ئۇلارنىڭ ئاخىرلاشتۇردى مەنىسىزلىك ئىچىدە، ئۆتتى يىللىرى دەككە-دۈككىدە.

[34] ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلار ئەسكە ئالدى خۇدانى، توۋا قىلىپ ئىخلاس بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى.

[35] ئويلىدى ئۇلار «قورام تاشتەك باشپاناھىمىز _ ئۇلۇغ خۇدا _ قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكارىمىز.»

[36] لېكىن ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئېغىزدا ئىدى، تىللىرىدا دېگەنلىرى يالغان ئىدى.

[37] خۇداغا سادىقلىق يوق ئىدى كۆڭۈللىرىدە، شۇڭا ئەمەل قىلمايتتى تۈزگەن ئەھدىسىگە.

[38] بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى، قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى، ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى.

[39] ئەسلىدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنى، نەپەس كەبى كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى.

[40] بىراق ئۇلار ئىسيان قىلغاچ چۆلدە تالاي قېتىم، ئازار يەپ دىلى خۇدانىڭ، بولدى كۆڭلى يېرىم.

[41] ئۇلار قايتىدىن يولدىن چىقىپ سىناپ خۇدانى، زېدە قىلدى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن مۇقەددەس خۇدانىڭ يۈرىكىنى.

[42] ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئەستىن چىقىرىپ ياۋدىن قۇتۇلدۇرغان كۈنىنى.

[43] ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ مىسىردىكى مۆجىزىلىرىنى، زوئان تۈزلەڭلىكىدە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.

[44] قانغا ئايلاندۇرۇپ قويغاچ خۇدا دەرياسىنى ئۇلارنىڭ، ئىچمەك مۇمكىن بولمىدى سۇلىرىنى دەريانىڭ.

[45] نەشتەرلىك چىۋىن ئاپىتى پەيدا قىلدى ئۇلارغا، پاقىلارنى ئەۋەتتى زېمىنىنى خاراب قىلارغا.

[46] ئېتىزلىرى ئۇچرىدى چېكەتكىلەر ھۇجۇمىغا، ھوسۇللىرىنىڭ ھەممىسى يەم بولدى ئۇلارغا.

[47] ۋەيران بولدى مۆلدۈردە ئۈزۈمزارلىرى، ئۈششۈپ قالدى سوغۇقتا ئەنجۈرلىرى.

[48] مۆلدۈر تېگىپ ۋەيران بولدى قوي-كالىلىرى، كۆيۈپ كەتتى چاقماق سوقۇپ چارۋا-ماللىرى.

[49] قەھر-غەزەپ، كۈلپەت، نەپرەت ياغدى خۇدادىن، كەلدى بۇ بىر تۈركۈم بۇزغۇنچى پەرىشتىلەر ئەرشتىن.

[50] غەزىپى چەككە يېتىپ خۇدانىڭ، جېنىنى ئايىماق بولۇپ ئۇلارنىڭ، ۋابا كېسەل ئەۋەتتى ئۇلارغا.

[51] پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى، يەنى ھام چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى.

[52] ئۇ خەلقىنى پادا كەبى باشلاپ ماڭدى چوپان بولۇپ، چۆل-باياۋان، جەزىرىدە پادىسىغا قويچى بولۇپ.

[53] ئامان-ئېسەن قىلغاچ خۇدا ئۇلارنى، قورقۇنچتىن خالىي ماڭدى يولىنى، غەرق قىلدى دېڭىزغا دۈشمەنلىرىنى.

[54] خۇدا يېتەكلىدى ئۇلارنى مۇقەددەس زېمىنىغا، ئېلىپ كەلدى ئوڭ قولىدا ئېرىشكەن تېغىغا.

[55] خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى، ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى. ئىسرائىل قەبىلىسىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى.

[56] ئەمما ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سىناپ كۆردى ئۇلۇغ خۇدانى، تەرك ئەتتى ئۇنىڭ پەرزلىرىنى.

[57] ئەجدادلىرىدەك يولدىن تېيىپ ۋاپاسىزلىق قىلدى ئۇلار، ئىشەنچسىزلىكتە خۇددى ئېگىلىپ كەتكەن ياغا ئوخشار.

[58] ئېگىزلىكتە قۇرۇپ ئىبادەتگاھلار، ياساپ ئۇنىڭغا ھەرخىل بۇتلار، كەلتۈردى ئۇلار خۇدانىڭ ئاچچىقىنى، ئۆرتىدى خۇدانىڭ يۈرىكىنى.

[59] بۇنى كۆرۈپ غەزەپلەندى پەرۋەردىگار، رەت قىلىندى شۇ ھامان ئىسرائىللار.

[60] تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى ماكانىنى، ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى.

[61] قۇدرىتىنى تاپشۇردى ئۇ ئەسىرلىككە، شۆھرىتىنى بەردى ھەم دۈشمەنلەرگە.

[62] تاشلاپ بەردى ئۆز قوۋمىنى قىلىچ ئاستىغا، چاچتى ھەم غەزىپىنى ئۇلار بېشىغا.

[63] ئوتتا كۆيدى ئۇلارنىڭ قىران يىگىتلىرى، ناخشا-كۈيسىز قالدى بەرنا قىزلىرى.

[64] يىقىلسىمۇ روھانىيلىرى تىغ ئالدىدا، تۇل قالغان ئاياللىرى تۇتالمىدى ھازا.

[65] بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى، شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى.

[66] مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈردى رەقىبلىرىنى، مەڭگۈگە رەسۋا قىلىپ ئۇلارنى.

[67] خۇدا رەت قىلىپ يۈسۈپ چېدىرىنى، تاللىماستىن ئەفرايىم قوۋمىنى،

[68] بەلكى تاللىدى يەھۇدا قوۋمىنى، يەنى ئۆزى سۆيگەن سىئون تېغىنى.

[69] قۇرۇلدى مۇقەددەس ئىبادەتگاھ ئاسمان-پەلەك، مەزمۇت ۋە ئەبەدىيدۇر ئاسمان-زېمىن يارالغاندەك.

[70] پەرۋەردىگار تاللاپ داۋۇتنى، چاقىرىۋالدى قوي قوتىنىدىن ئۇنى.

[71] يەنى بېقىشتىن ساغلىق قويلارنى، چاقىردى بېقىشقا ياقۇپ قوۋمىنى _ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئىسرائىللارنى.

[72] باقتى داۋۇت ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ، يېتەكلىدى شۇنداقلا ماھىر بولۇپ.

زەبۇر — Chapters