[1] ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى، غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى.
[2] سەن تەۋرىتىپ ئېچىۋەتتىڭ يەر-زېمىننى، مانا سىلكىنمەكتە يەر، ئوڭشا ئۇنى.
[3] ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە، جازا شارابىنى ئىچكۈزدىڭ بىزگە.
[4] ئەمما تىكلىدىڭ بەلگە تۇغى ساڭا ئىخلاسى بارلارغا، پاناھلانغاي دەپ ياۋ ئوقيالىرىدىن قېچىپ ئۇنىڭغا. سېلاھ
[5] ئوڭ قولۇڭدا قۇتقۇز بىزنى قىلىپ بىزگە ئىجابەت، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ تاپسۇن شۇندا نىجات.
[6] خۇدا شۇنداق دەيدۇ ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن: «شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى، تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى.
[7] گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.
[8] پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.»
[9] كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر، كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟
[10] ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ.
[11] دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.
[12] خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن كۈرەش قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى مەغلۇپ قىلار دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە.