Skip to content
Opens in a new window

[1] نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟

[2] رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم، گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم.

[3] ياۋ لەشكەرلىرى ئالسىمۇ مېنى قورشاۋغا، قورقۇنچ بولماس قەلبىمدە ئەسلا. ئاتلانسىمۇ ئۇلار ماڭا قارشى جەڭگە، تەۋرەنمەس ئىشەنچىم باردۇر يەنىلا.

[4] ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى، ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى: «ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە، تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.»

[5] ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا، ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا. چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا، يوشۇرۇپ قۇيار مۇقەددەس چېدىرىغا.

[6] ئەمدى قەددىم كۆتۈرۈلدى رەقىبلىرىم ئالدىدا. شادلىق بىلەن ئالقىشلاپ پەرۋەردىگارنى، قىلارمەن قۇربانلىق خۇدانىڭ چېدىرىدا، ئۇنى كۈيلەيمەن ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا.

[7] ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى قىلسام نىدا، كۆرسەتكەيسەن ئىلتىپات جاۋاب بېرىپ ماڭا.

[8] «ئى پەرۋەردىگار، تەلپۈنىمەن پەقەت ساڭا» دېدىم مەن، دېگىنىڭدە «تەلپۈنگىن ماڭا».

[9] قاچۇرمىغىن مېنىڭدىن دىدارىڭنى، تاشلىمىغىن غەزىپىڭدە مەن قۇلۇڭنى. بولۇپ كەلدىڭ ئى خۇدا، مەدەتكارىم، تەرك ئەتمە، تاشلىما مېنى، نىجاتكارىم.

[10] ۋاز كەچسىمۇ مېنىڭدىن ئاتا-ئانام، ئۆز قوينىغا ئالار مېنى پەرۋەردىگارىم.

[11] ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.

[12] تاشلاپ قويما رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە مېنى، باشلىدى بۇ ساختا گۇۋاھچىلار ماڭا قارشى ھۇجۇمنى، شۇنچە ياۋۇز، زەھەردۇر ئۇلارنىڭ تىللىرى.

[13] يوقىتار ئىدىم ئۆزۈمنى ئەگەر ئىشەنچىم بولمىسا كۆرۈشكە پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى بۇ دۇنيادا.

[14] تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.

زەبۇر — Chapters