Skip to content
Opens in a new window

[1] نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا، كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا.

[2] «قۇتقۇزغىن مېنى ئى خۇدا، يالغانچى لەۋلەردىن، ئالدامچى تىللاردىن» دەپ ئىلتىجا قىلدىم ئۇنىڭغا.

[3] ئەي يالغانچى تىل! قانداق ئۇرار سېنى خۇدا؟ بېرەر ساڭا قانداق جازا؟

[4] باتۇرلارنىڭ ئوقلىرى تېگەر، ئارچىلارنىڭ چوغلىرى كۆيدۈرەر.

[5] ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا.

[6] تويدۇم ياشاشتىن بۇ يەردە، تىنچلىققا ئۆچ خەلق ئارىسىدا.

[7] سۆيۈپ مەن تىنچلىقنى، دېسەممۇ «تىنچلىقتا ياشايلى» گەر، بىراق ئۇلار «ئۇرۇشايلى» دەر.

زەبۇر — Chapters