[1] ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، ئەي قەلبىم مەدھىيەڭنى ياغدۇر ئاڭا!
[2] ئۆمۈرۋايەت مەدھىيەلەيمەن پەرۋەردىگارنى، جان تەندە بولسىلا كۈيلەيمەن خۇدايىمنى.
[3] ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە، نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.
[4] تىنىقى توختىشى بىلەنلا قايتار ئۇلار تۇپراققا، شۇ كۈنىلا بارچە پىلانلىرى چىقار يوققا.
[5] بەختلىكتۇر ياقۇپنى تاللىغان خۇدانى مەدەتكارىم دەپ بىلگەنلەر، ئۈمىدىنى ئىگىسى پەرۋەردىگارغا باغلىغان ئادەملەر.
[6] ياراتقاندۇر پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى، دېڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى، ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇماس قىلغان ۋەدىسىنى.
[7] يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا، رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا، ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.
[8] ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى، رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى. سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى.
[9] قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى، قوللار تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى. لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى.
[10] ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە، ئەي سىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە. ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا!