Skip to content
Opens in a new window

[1] ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، ياقۇپ ئەۋلادى يات خەلقلەردىن ئايرىلغىنىدا،

[2] يەھۇدا نەسلىنى ماكان قىلدى خۇدا، ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئىلكىدىكى خەلق ئىدى.

[3] دېڭىز بۇنى بىلىپ ياندى ئارقىغا، ئىئوردان دەرياسى بۇرۇلۇپ كەينىگە ئاقتى.

[4] تاغلار چۆچۈپ سەكرىدى قوچقارلاردەك، دۆڭلەرمۇ ئۈركۈدى قوزىلاردەك.

[5] ئەي دېڭىز، نېمىشقا قاچىسەن؟ ئەي ئىئوردان دەرياسى، نېمىشقا كەينىڭگە ئاقىسەن؟

[6] ئەي تاغلار، نېمىشقا سەكرەيسىلەر؟ ئەي دۆڭلەر، نېمىشقا ئۈركۈيسىلەر؟

[7] ئەي زېمىن، تەۋرەن رەببىڭنىڭ سىيماسىدىن، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ كەلگىنىدىن.

[8] ئۇ تاشنى كۆلچەككە ئايلاندۇردى، ئۇيۇل تاشتىن بۇلاقنى پەيدا قىلدى.

زەبۇر — Chapters