[1] ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار شادلىقتا، ئۇنى مەدھىيەلەش يارىشار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا.
[2] لىرا چېلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار پەرۋەردىگارغا، كۈي چېلىڭلار ئون تارلىق چىلتاردا ئاتاپ ئۇنىڭغا.
[3] يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا، شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار، چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا.
[4] چۈنكى، ھەقىقەتتۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى، ساداقەتلىكتۇر ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى.
[5] ئۇ سۆيەر ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى، تولدۇرغاندۇر زېمىنغا مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى.
[6] يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا، يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا.
[7] چەك-چېگرا بېكىتتى ئۇ ئوكيانلارغا، ساقلىغاندۇر ئۇ سۇلارنى ئامبارلىرىدا.
[8] ئەيمەنسۇن پەرۋەردىگاردىن جىمى مەخلۇقاتلار، قورقسۇن ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار.
[9] چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.
[10] بىكار قىلار پەرۋەردىگار خۇداسىزلارنىڭ قارارلىرىنى، يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى.
[11] ئەمما مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ قارارلىرى، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەمەلگە ئاشار مەقسەتلىرى.
[12] پەرۋەردىگارنى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر.
[13] ئەرشتىن نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار، جىمىكى ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرار.
[14] تەختىدە ئولتۇرۇپ خۇدا، نەزەر سالار ئىنسانلارغا.
[15] خۇدا ياراتقاچ ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى، بىلىپ تۇرار ئۇلارنىڭ جىمى ئىشلىرىنى.
[16] پادىشاھ غالىب بولالماس قوشۇنىنىڭ بۈيۈكلىكى بىلەن، پالۋان قۇتقۇزالماس ئۆزىنى كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن.
[17] ئەخمەقلىقتۇر قۇتۇلىمەن دېيىش مەغلۇبىيەتتىن ئات بىلەن، قۇتقۇزالماس ھېچكىمنى ئات قارا كۈچى بىلەن.
[18] بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا.
[19] قۇتقۇزىدۇ ئۇلارنى ئۆلۈمدىن، ساقلايدۇ ئاچارچىلىقتىن.
[20] پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتىمىز، ئۇدۇر بىزنىڭ مەدەتكار، قالقىنىمىز.
[21] شادلىنار ئۇنىڭدىن قەلبىمىز، چۈنكى، مۇقەددەس خۇداغا ئىشەنچ باغلىدۇق بىز.
[22] ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمىز سەندە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ يار بولغاي بىزگە.