Skip to content
Opens in a new window

[1] ئۈن چىقارماي جىمىپ قالما ئى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ يوقاپ كەتمە ئى خۇدا.

[2] چۈنكى ساڭا ئۆچ بولغانلار باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. ساڭا دۈشمەن بولغانلار شۇنچە داۋراڭ سالماقتا.

[3] ئۇلار قۇۋلۇق ئىشلىتىپ، سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە. قارشى پىلان تۈزۈشەر، سەن قەدىرلىگەنلەرگە.

[4] دەيدۇ ئۇلار: «يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى، ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.»

[5] ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا، ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە.

[6] مانا، ئىدوملۇقلار، ئىسمائىلنىڭ نەسىللىرى، موئابلىقلار ۋە ھاگرىلار،

[7] گىبال، ئاممون ۋە ئامالەك، فىلىستىيە ھەمدە تىر ئاھالىلىرى،

[8] ئاسسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى، ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. سېلاھ

[9] ئى خۇدا، سەن مىديانلىقلارغا قىشون دەرياسىدا سىسىرا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، شۇنداق تاقابىل تۇرغىن ئۇلارغا.

[10] ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.

[11] ھالاك قىلغايسەن ئۇلارنىڭ بەگلىرىنى ئورېب ۋە زىئېبتەك، ئەمىرلىرىنى زەباخ ھەم زالمۇننادەك.

[12] چۈنكى ئۇلار مۇنداق دېگەنىدى: «ئۆزىمىزنىڭ مۈلكى قىلىۋالايلى خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى.»

[13] ئى ئىلاھىم، سەرسان قىلىۋەت ئۇلارنى بوراندا قالغان قامغاقتەك. سورۇۋەتكىن ئۇلارنى شامالدا قالغان ساماندەك.

[14] كۆيدۈرۈۋەتكىن ئۇلارنى _ ئوتقا ئوخشاش ئورمانلىققا تۇتاشقان، يالقۇن كەبى تاغ باغرىغا ياماشقان.

[15] قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن، ۋەھىمە سال ئۇلارغا قۇيۇنۇڭ بىلەن.

[16] چۈشۈرگىن نومۇستا يۈزىنى، ئى پەرۋەردىگار، تاكى ياردەم سورىغىچە سېنىڭدىن ئۇلار.

[17] قارا يۈز بولغاي ئۇلار نومۇستىن، رەسۋا بولۇپ يوقالغاي زېمىندىن.

[18] ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.

زەبۇر — Chapters