Skip to content
Opens in a new window

[1] ئەي پەرىشتىلەر، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى، تەرىپلەڭلار ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى.

[2] تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى مۇناسىپ ئۇنىڭ نامىغا، سەجدە قىلىڭلار پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا.

[3] پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار دېڭىز-ئوكىيانلاردا، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتەر شانۇشەۋكەتلىك خۇدا، ئۇنىڭ ئاۋازى بىپايان سۇلار ئۈستىدە ياڭرىتىپ سادا.

[4] پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىكتۇر، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ھەيۋەتلىكتۇر.

[5] جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى سۇنۇپ كېتەر كېدىر دەرەخلىرى، شۇنداق، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىدا پارە-پارە بولۇپ كېتەر لىۋان كېدىرلىرى.

[6] جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى موزايدەك سەكرەپ كېتەر لىۋان تاغلىرى، كۆندۈرۈلمىگەن بۇقىدەك تاقلاپ كېتەر سىريون تېغى.

[7] پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى چاقتۇرار چاقماقلارنى.

[8] پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تىترىتەر چۆل-جەزىرىنى، پەرۋەردىگار زىلزىلىگە سالار كادېش چۆللۈكىنى.

[9] ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى، يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى. «ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار.

[10] توپان بالاسى بولغاندا پەرۋەردىگار ئىدى ئۆز تەختىدە، پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، ئۇ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە.

[11] پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە، تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە.

زەبۇر — Chapters