[1] گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.
[2] ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا، لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر، مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا.
[3] ئى باھادىر پادىشاھ، ئاسقىن يېنىڭغا قىلىچىڭنى، ئايان قىلغىن شەۋكىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭنى.
[4] زەپەر قۇچقىن ھەيۋەت بىلەن ئات ئۈستىدە، قوغدىغىن كەمتەرلىك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى، غايەت زور ئىشلارنى قىل قۇدرىتىڭدە.
[5] ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ سانجىلار يۈرىكىگە رەقىبلىرىڭنىڭ، دۈشمەنلىرىڭ يىقىلار ئاستىغا ئاياغلىرىڭنىڭ.
[6] ئى خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، سەلتەنەت ھاساڭ، ئادالەت ھاسىسىدۇر.
[7] ئۆچ كۆرىسەن ناھەقچىلىكنى، سۆيىسەن ھەققانىيەتنى، شۇڭا سېنى تاللىغان خۇدا ياغدۇردى ساڭا شادلىقىنى. ھەمراھلىرىڭدىن بەكرەك شادلاندۇردى سېنى.
[8] ھىدى كېلەر كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككىنىڭ، شۇنداقلا مۇئەتتەر ۋە دارچىننىڭ. پىل چىشىدا بېزەلگەن سارايلاردىكى تارلىق سازلارنىڭ ساداسى، يېقىملىق ئاڭلىنىپ خۇرسەن قىلار سېنى.
[9] شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا، ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا.
[10] تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.
[11] پادىشاھ مەپتۇندۇر گۈزەل تۇرقۇڭغا، خوجايىنىڭدۇر ئۇ، ئىتائەت قىل ئۇنىڭغا.
[12] تىر خەلقى ئېلىپ كېلەر ساڭا ھەدىيەلەر، ئىلتىپات ئىستەر سەندىن ئۇ پۇلدارلار.
[13] نەقەدەر جىلۋە قىلار مەلىكە ھۇجرىسىدا، كەشتىلەنگەندۇر كىيىملىرى زەر ئالتۇندا.
[14] پادىشاھ ئالدىغا كەلتۈرىلەر ئۇ كەشتىلىك كىيىملىرىدە، ئالدىغا ئېلىپ كېلىنەر كېنىزەكلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە.
[15] باشلاپ كېلىنىدۇ ھەممىسى خۇشال ھالدا، كىرىشىدۇ ئۇلار پادىشاھ سارىيىغا.
[16] ئىزىنى باسار ئوغۇللىرىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ، شاھزادىلىرى قىلىسەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھاننىڭ.
[17] ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەستە ساقلاتقۇزىمەن نامىڭنى، ئەبەدىلئەبەد ماختىشار خەلقلەر سېنى.