[1] پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ساداقىتىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بايان ئەيلەيمەن.
[2] جاكارلايمەنكى مۇھەببىتىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، ساداقىتىڭ ئەرشئەلادەك مەزمۇت، تەۋرەنمەس.
[3] رەببىم، سەن دېدىڭكى: «تاللىۋالغان بەندەم بىلەن ئەھدە قىلدىم، قۇلۇم بولغان داۋۇتقا قەسەم قىلدىم.
[4] سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، نەسلىڭنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» سېلاھ
[5] ئى ئىگەم، ئەرشئەلادا مۆجىزىلىرىڭ تەبرىكلىنەر، ساداقىتىڭ پەرىشتىلەر ئارىسىدا مەدھىيەلىنەر.
[6] بۈيۈكلۈكتە ساڭا تەڭداش بىرى يوقتۇر، ئەرشئەلادا ھېچكىم ساڭا ئوخشىماستۇر.
[7] خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.
[8] ئى خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشاش قۇدرەت ئىگىسىدىن يەنە كىم بار؟ ئەتراپىڭنى ساداقەتلىك ئوراپ تۇرار.
[9] دېڭىز قانچە مەغرۇر بولسۇن سەن ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانسەن، ئۆركەشلىسە دولقۇن ياساپ ئۇنى بېسىپ تىنچلاندۇرىسەن.
[10] دېڭىزدىكى راخابنى سەن بەربات قىلدىڭ، قۇدرىتىڭدە دۈشمىنىڭنى بىتچىت قىلدىڭ.
[11] ئاسمان، زېمىن _ پۈتۈن جاھان سېنىڭكىدۇر، ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە پەقەت سېنىڭ ئىجادىڭدۇر.
[12] ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى، شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.
[13] بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر، ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولۇڭ غالىبتۇر.
[14] تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر.
[15] تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.
[16] نامىڭ بىلەن ئۇلار دائىم شاد بولار، ئادالىتىڭدىن سۆيۈنۈپ تەنتەنە قىلار.
[17] ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شەرىپى سەندىن كېلەر، شاپائىتىڭ بولغاچ ئۇلار دائىم غەلىبە قىلار.
[18] بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا، تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا.
[19] بىر ۋەھىيىڭدە مۇنداق دېگەنىدىڭ سادىق ئۆز بەندەڭگە: «مەن بىر ئەزىمەتكە ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم، ئەل ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، كۆتۈردۈم.
[20] دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىمنى سۈركەپ بېشىغا، ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم.
[21] قولۇم ئۇنىڭغا يۆلەك بولار، بىلىكىم ئۇنى كۈچكە تولدۇرار.
[22] دۈشمەنلىرى ئۇنى پەقەت يېڭەلمەس، پەسكەشلەرمۇ ئۇنى قىستاپ ئېزەلمەس.
[23] رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەيران قىلىمەن، ئۆچمەنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن.
[24] ساداقىتىم، مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇ زەپەر قۇچار.
[25] مەن ئۇنى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزارمەن دېڭىزغا، ھوقۇقىنى يۈرگۈزەرمەن ھەم دەريالارغا.
[26] ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ دېدىكى: ‹سەن مېنىڭ ئاتام، خۇدايىمدۇرسەن، نىجاتكارىم، قورام تېشىمدۇرسەن.›
[27] مەن ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم قىلىمەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ قىلىپ تىكلەيمەن.
[28] مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا ئەبەدىيدۇر، قىلغان ئەھدەم مەڭگۈگە بۇزۇلماستۇر.
[29] ئەۋلادلىرىنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، تەختىنى ئۇنىڭ ئاسمان كەبى داۋام قىلدۇرىمەن.
[30] مۇبادا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەلىملىرىمدىن چىقىپ كەتسە، ھۆكۈملىرىم بويىچە ئىش كۆرمىسە.
[31] ئۇلار پەرمانلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،
[32] ئۇندا مەن ئىتائەتسىزلىكلىرىنى تاياق بىلەن، گۇناھلىرىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن.
[33] لېكىن مۇھەببىتىمنى داۋۇتتىن ئۈزمەيمەن، ياكى ۋەدەمگە خىيانەت قىلمايمەن.
[34] تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، ۋەدەمدىن پەقەت قايتمايمەن.
[35] مەن مۇقەددەس نامىمدا قەسەم ئىچكەنمەن، داۋۇتقا ئېيتقان سۆزۈمدىن يانمايمەن.
[36] ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەبەدىي داۋاملىشار، ئۇنىڭ تەختى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرار.
[37] ئۇ ئاسماندىكى سادىق گۇۋاھچى ئاي كەبى مۇستەھكەم، مەزمۇت تۇرار ئەبەدىي.» سېلاھ
[38] بىراق ھازىر سەن ئۇنى رەت قىلىپ تاشلىۋەتتىڭ، ئۆزۈڭ تاللاپ بېكىتكەن پادىشاھقا غەزەپلەندىڭ.
[39] ئىنكار قىلدىڭ قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى، تاشلىۋەتتىڭ ئۇنىڭ تاج-تەخت _ ھوقۇقىنى.
[40] ۋەيران قىلدىڭ ئۇنىڭ بارلىق قورغانلىرىنى، خارابە قىلدىڭ شەھەر-قەلئەلىرىنى.
[41] يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار بۇلىماقتا شەھىرىنى، ئۇ قوشنا ئەللەر ئالدىدا رەسۋا بولدى.
[42] غەلىبە قىلدۇردۇڭ ئۇنىڭ رەقىبلىرىنى، خۇشال قىلدىڭ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى.
[43] قايتۇردۇڭ ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى، جەڭلەردە مەغلۇپ قىلدىڭ ئۇنى.
[44] يەرگە ئۇردۇڭ ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى، كۈلدەك توزۇتتۇڭ تەختىنى.
[45] خىجالەتكە چۆمدۈرۈپ قىسقارتتىڭ ياشلىقىنى. سېلاھ
[46] ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟ قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟
[47] ئەستە تۇتقىن ئى خۇدا، ئۆمرۈمنىڭ قىسقىلىقىنى، نېمىدېگەن بىھۇدىلىكتۇر ئىنساننىڭ ھاياتى.
[48] قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟ گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ سېلاھ
[49] ئى رەببىم، ساداقەتتە داۋۇتقا قىلغان ۋەدىلىرىڭ نەلەردە قالدى؟ بۇرۇن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ قەيەردە قالدى؟
[50] قۇلۇڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ئەسكە ئالغايسەن، بارچە ئەلنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىنى كۆرگەيسەن!
[51] رەقىبلىرىڭ مېنى دائىم مەسخىرە قىلار، ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھنى خار قىلار.
[52] پەرۋەردىگارغا مەڭگۈ ھەمدۇسانالار بولغاي! ئامىن، ئامىن!