[1] شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا: «بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.»
[2] ئەي يېرۇسالېم، دەرۋازاڭنىڭ ئىچىدە تۇرىمىز ئەمدى مانا!
[3] يېرۇسالېم _ رەتلىك سېلىنغان پۇختا بىر شەھەر.
[4] كېلەر قوۋملار، پەرۋەردىگارنىڭ قوۋملىرى ئۇنىڭغا، كېلەر بېرىلگەن پەرمان بويىچە ئىسرائىلغا، شۈكۈر ئېيتىدۇ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا.
[5] ئەي يېرۇسالېم، ھۆكۈم چىقىرىلسۇن دەپ سەندە، تەخت سېلىندى داۋۇت جەمەتىدىكىلەرگە.
[6] يېرۇسالېمنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇنداق دۇئا ئوقۇلسۇن: «سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپسۇن،
[7] قورغان ئىچى ئامان بولسۇن، ئوردىلىرى ئاۋات بولسۇن!»
[8] قېرىنداش ۋە دوستلىرىم سەندە تۇرغاچقا، تىلەيمەن: «تىنچلىق بولسۇن يېرۇسالېمدا».
[9] پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئۆيى سەندە بولغاچقا، ئەي يېرۇسالېم، بەخت تىلەيمەن ساڭا.
زەبۇر — Chapters
123456789101112131415161718192021222324252627282930313233343536373839404142434445464748495051525354555657585960616263646566676869707172737475767778798081828384858687888990919293949596979899100101102103104105106107108109110111112113114115116117118119120121122123124125126127128129130131132133134135136137138139140141142143144145146147148149150