Skip to content
Opens in a new window

[1] پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!

[2] مانا يامانلار تارتىپ يايىنى، تەق قىلدى سېلىپ ئوقىنى، يوشۇرۇن ئاتماقچى بولۇپ ياخشىنى.

[3] نېمىمۇ قىلالار ھەققانىي كىشى، بۇزۇلسا ھەققانىيلىقنىڭ ئۇللىرى؟

[4] پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر، ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا. كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى، دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا.

[5] پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى، ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى.

[6] قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار.

[7] ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، سۆيەر ھەققانىيلىقنى، پەقەت كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرەر ئۇنىڭ چېھرىنى.

زەبۇر — Chapters