[1] پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئېيتىڭلار يېڭى ناخشا، چۈنكى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر خۇدا، مۇقەددەس بىلىكى، ئوڭ قولى زەپەر بەرگەندۇر ئۇنىڭغا.
[2] قىلدى خۇدا نامايان غەلىبىسىنى ھەممىگە، ئادالىتىنى كۆرسەتتى جاھاندىكى ئەللەرگە.
[3] ئۇ يەتكۈزدى ئىسرائىللارغا مېھىر ۋە مۇھەببىتىنى، ئۇنتۇمىدى ئۇ زىنھار ئىسرائىللارغا بولغان ساداقىتىنى، بارچە ئاۋام كۆردى ھەم ئىگىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى.
[4] ئەي بارچە ئىنسانلار، ئالقىش ياڭرىتىڭلار خۇداغا، خۇش بولۇپ مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ناخشاڭلاردا ئۇنىڭغا.
[5] خۇداغا ئاتاپ لىرا بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىڭلار، ھەم ئۇنىڭغا لىرا بىلەن ناخشا-غەزەل ئېيتىڭلار.
[6] ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار پادىشاھىمىز خۇداغا، ئالقىشىمىز بولسۇن ئاڭا كاناي بىلەن بۇرغىدا.
[7] جۇشقۇنلىسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، قىلسۇن قىزغىن تەنتەنە زېمىن يەنە جانلىقلار.
[8] چاۋاك چالسۇن خۇداغا خۇشاللىقتىن دەريالار، شادلىق بىلەن خۇدانى كۈيگە قاتسۇن ھەم تاغلار.
[9] چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا، كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا.