Skip to content
Opens in a new window

[1] ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، ئى خۇدا، ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، چاچقىن جۇلا.

[2] ئى جاھان سوراقچىسى، چىقىپ ئوتتۇرىغا، لايىقىدا جازا بەرگىن تەكەببۇرلارغا.

[3] ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەر قاچانغىچە ماختىنار، قاچانغىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشەر ئۇلار؟

[4] ۋالاقشىيدۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۇلار، پو ئاتىدۇ ئۇ يامانلىق قىلغۇچىلار!

[5] سەن تاللىغان قوۋمىڭنى ئېزىپ ئۇلار، ساڭا تەۋە بولغانلارغا جەبىر سالار.

[6] قىرغىن قىلىپ تۇل خوتۇن، غېرىبلارنى، ئۆلتۈرىدۇ پاناھسىز يېتىملارنى.

[7] ئۇلار دەر: «كۆرمەيدۇ پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىلمەيدۇ زىنھار.»

[8] ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار! ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟

[9] ئاڭلىماسمۇ قۇلاقنى ياراتقۇچى؟! كۆرمەسمۇ كۆزنى ئاتا قىلغۇچى؟!

[10] يات ئەللەرنى جازالىغۇچى خۇدا جازالىماسمۇ سىلەرنى؟ ئىنسانغا ئەقىل ئۆگەتكۈچى تەربىيەلىمەسمۇ ئادەمنى؟

[11] خۇدا بىلىدۇ ئىنساننىڭ ئوي-پىكرىنى، بىھۇدىدۇر خىياللارنىڭ ھەممىسى.

[12] بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار!

[13] سەن ئۇلارنى ئامان قىلىسەن يامان كۈنلەردە، تاكى يامانلار ئورىغا چۈشۈپ ھالاك بولغۇچە.

[14] پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىنى تەرك ئەتمەس، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەس.

[15] ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى قايتار ھامان ئادالەتكە، قەلبى پاكلار ھىمايە قىلار ئادالەتنىڭ كەينىدە.

[16] رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟ كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟

[17] ئەگەر ياردەم بەرمىگەن بولسا ئىدى ماڭا خۇدا، ياتار ئىدىم جىمجىتلىق قاپلىغان ئۆلۈكلەر ماكانىدا.

[18] ئى پەرۋەردىگار، تېيىلىپ كېتەي دېگىنىمدە، يۆلىدىڭ مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە.

[19] غەم-قايغۇ، ئەندىشىدە قالغىنىمدا، شادلاندۇرىسەن تەسەللى بېرىپ ماڭا.

[20] ساڭا دوست بولالماس چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار، قانۇننى قالقان قىلار قىلغانلىرىدا ئەسكى ئىشلار.

[21] ئۇلار بىرلىشەر ھەققانىيلارنى ئۆلتۈرۈشكە، ھۆكۈم قىلار بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە.

[22] پەرۋەردىگار قورغىنىمدۇر، پاناھگاھىم _ قورام تېشىمدۇر.

[23] گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جازالار، رەزىللىكى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلار، شۇنداق، پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلار.

زەبۇر — Chapters