[1] قۇلاق سالغىن پەرۋەردىگار دۇئايىمغا، موھتاج بولۇپ ساڭا قىلغان ئىلتىجايىمغا. ھەققانىيسەن پەرۋەردىگار، ساداقىتىڭدە جاۋاب بەرگىن مېنىڭ قىلغان مۇڭ-زارىمغا.
[2] گۇناھسىز بىر ئىنسان يوقتۇر ئالدىڭدا، شۇڭا ئۆتۈنەي، مەن قۇلۇڭنى سوراق قىلما.
[3] ھاياتىمنى دەپسەندە قىلىپ دۈشمەنلىرىم، زىيانكەشلىك قىلماقتا بۇ جېنىمغا. ئۆلۈكلەر ماكانى قەبرىستاندەك، مەجبۇرلار مېنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققا.
[4] شۇڭا روھىم سىقىلىپ بۇرۇقتۇم بولدى، ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلۈپ كۆڭلۈممۇ قايغۇغا تولدى.
[5] ئەسلەيمەن بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى، سېغىنىمەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى، ياد ئېتىمەن سېنىڭ قىلغان ئەجىرلىرىڭنى.
[6] قوللىرىم ساڭا قاراپ سوزۇلغاندۇر، ۋۇجۇدۇم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.
[7] ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.
[8] مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە، چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن. مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا، چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن.
[9] قۇتۇلدۇر مېنى پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىمنىڭ ئىلكىدىن، باشپاناھ ئىزدەپ كەلدىم يېنىڭغا، ئورۇن بەرگىن قوينىڭدىن.
[10] ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى.
[11] پەرۋەردىگار شۆھرىتىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن ئى ئىگەم، پالاكەتتىن ئازاد قىلغىن جېنىمنى.
[12] ماڭا بولغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ھالاك قىلغىن ئى ئىگەم، دۈشمەنلىرىمنى، خاراب قىلغىن ھەم جېنىمنى خار قىلغانلارنى. بەرھەق، مەن سېنىڭ بەندەڭ، قۇلۇڭدۇرمەن.