Skip to content
Opens in a new window

[1] پەرۋەردىگار ئەسكە ئالغايسەن داۋۇتنى، ئۇنىڭ تارتقان جەبىر-زۇلۇم، جاپالىرىنى.

[2] قەسەم ئىچىپ پەرۋەردىگارغا، ئۇ مۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا:

[3] «كىرمەسمەن ئۆيۈمگە، ياتماسمەن ئورنۇمدا.

[4] ئۇخلىماسمەن، مۈگدىمەسمەن ھەتتا،

[5] تاكى تەييار قىلمىغۇچە ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك خۇداسى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش جايىنى.»

[6] ئەھدە ساندۇقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئەفراتادا ئاڭلىغانىدۇق، بىز ئۇ ساندۇقنى يائىر دالالىرىدىن تاپتۇق.

[7] خۇدا بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا بارايلى، ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا سەجدە قىلايلى.

[8] ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _ ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.

[9] ھەققانىيلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ شادلىققا تولسۇن.

[10] قىلىپ قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تىكلىگەن پادىشاھىڭنى.

[11] قايتۇرۇۋالماس پەرۋەردىگار ۋەدىسىنى، داۋۇتقا بەرگەن مۇنۇ قەسىمىنى: «ۋارىس قىلىمەن تەختىڭگە، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى.

[12] ئوغۇللىرىڭ رىئايە قىلسا ئەھدەمگە، بويسۇنسا مەن قىلغان بارلىق ئەمرگە، ئولتۇرار ئوغۇللىرىمۇ تەختىڭدە ئەبەدكە.»

[13] شۇنداق، پەرۋەردىگار تاللىغاندۇر سىئوننى، بىز بىلەن ئۇچرىشىشقا خالىغاندۇر بۇ يەرنى.

[14] «ئارامگاھىم بۇ مېنىڭ، مەڭگۈگىدۇر ئۇ مېنىڭ ماكانىم، خالىغانمەن بۇ يەرنى مەن ئۆزۈم.

[15] بەرھەق، سىئوننى روناق تاپقۇزىمەن، يوقسۇللىرىنىڭ قورساقلىرىنى توق قىلىمەن.

[16] كىيدۈرىمەن روھانىيلىرىغا نىجاتلىق تونىنى، ياڭرىتىدۇ تەقۋادارلىرى تەنتەنىلىك ئاۋازنى.

[17] كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى، ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى.

[18] كىيدۈرىمەن دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىك تونىنى، پارلاق قىلىمەن داۋۇتنىڭ بېشىدىكى تاجىنى.»

زەبۇر — Chapters